خىتاي رېجىمى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى دوكلاتى سەۋەبلىك، مەزكۇر ئىشخانا بىلەن ھەمكارلىقنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ب د ت باش ئەلچىسى چېن شۈ 9-سېنتەبىردىكى سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى دوكلات سەۋەبلىك، خىتاينىڭ بۇندىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسى بىلەن ھەمكارلىشالمايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ 12-سېنتەبىر باشلىنىدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە مەزكۇر دوكلاتنىڭ خىتايغا تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكى، خىتاينىڭ بۇندىن كېيىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشالىشىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
ب د ت نىڭ سابىق كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت 31-ئاۋغۇست ۋەزىپە مۇددىتى توشۇشقا ئون نەچچە مىنۇت قالغاندا يېرىم يىلدىن ئارتۇق كېچىكتۈرۈلگەن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلغانىدى. مەزكۇر دوكلات خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە خۇلاسە چىقارغان بولۇپ، بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ تۈرلۈك جىنايەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى بىلەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇزۇن مۇددەت كېچىكتۈرۈلگەنلىكى، يۇمشاق ئىبارىلەرنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى، بولۇپمۇ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقى سەۋەبلىك تەنقىدكە ئۇچرىغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم