غۇلجا خەلقى جاننى ئالىقانغا ئېلىپ زۇلۇمغا قارشى قوزغالدى

خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ۋەھشىيلەرچە قامال داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان سىنلار غۇلجا خەلقىنىڭ جاننى ئالىقانغا ئېلىپ قويۇپ، خىتاينىڭ ئاچ قويۇپ قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە قارشى قوزغىلىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

11-سېنتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا شەھىرى قارادۆڭ يېزا خەلقى خىتاي رېجىمىنىڭ خەلقنى نەزەربەند قىلىپ، ئاچلىقتىن قىيناش، ئاشكارا قىرغىن قىلىش قىلمىشىغا قارشى جاننى ئالىقانغا ئېلىپ قويۇپ، كوچىغا چىقىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. مەزكۇر سىندا ئۇيغۇرلار ئۆي-ئۆيلەردىن كوچىغا چىقىشقا باشلىغان مەنزىرە كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ كوچىدىكى گۇماشتا خادىملىرىنىڭ «ئۆيگە كىرىڭلار» دېگەن ئاۋازلىرى خەلقنىڭ: «ئۆيدە ياتقاندىن كۆرە بۇ ئىشىمىز ئۈنۈملۈك بولغاندۇ؟ مانا قاراڭلار، ھەممەيلەن ئۆي-ئۆيلەردىن چىقىشقا باشلىدى» دېگەن ئاۋازلىرى ئارىسىدا غايىب بولغان.

مەزكۇر بىر مىنۇتلۇق سىندا قارشىلىق كۆرسىتىپ كېتىۋاتقانلار: «ئۆيگە قاماپ قويۇپ ھېچقانداق تەمىنات يەتكۈزۈلمەيۋاتىدۇ. بۇ سەۋەبلىك خەلق چىدىماي ئاخىرى قوزغىلىپ چىقتى» دېگەن بولۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ئىشىكلەرنى مەجبۇرىي تاقاپ يېمەكلىك يەتكۈزۈپ بەرمەي، ئوچۇق-ئاشكارا قىرغىن قىلىش جىنايىتىنى كۈچلۈك پاكىت بىلەن تەمىنلىگەن.

سىندا يەنە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كېتىۋاتقان ئىككى ياشنىڭ پاراڭلىرىدىن خەلقنىڭ كەپتەرگە ئوخشاش ئۆي ھايۋانلىرىنىڭمۇ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە خەلقنىڭ ئاچلىق ئازابى تارتقاندىن سىرت، ئىقتىسادىي مەنبەسى بولغان مال-چارۋىلىرىنىڭمۇ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىگەن. بۇندىن ئىلگىرى سىنلاردىمۇ دېھقانلارنىڭ زىرائەتلىرىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى، باغۋەنلەرنىڭ جاپادا يېتىشتۈرگەن مېۋىلىرىنىڭ سېتىلماي سېسىپ كەتكەنلىكىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ مۆلچەرلىگۈسىز زىيان سالغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى داۋام قىلىۋاتقان، قارشىلىق كۆرسەتكەن ھامان بارلىق ئەركىنلىكىدىن، ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلىدىغان بىر ۋەزىيەتنى بەش قولدەك بىلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا قوزغىلىپ چىقىپ، چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمغا قارشى چىقىشتىن ئىبارەت تىز پۈكمەس روھى ۋە جاسارىتىنى نامايان قىلغانلىقىنى، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئۈمىد ۋە ئىلھام ئېلىشى كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا ھېچ ئىش قىلماي سۈكۈت ئىچىدە ياشاۋاتقانلارنىڭ نومۇس قىلىشى كېرەكلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدا بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1362 قېتىم كۆرۈلدى
12/09/2022 12:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق