«شەرقىي تۈركىستان خەلق دىپلوماتىيەسى» پىلانىغا ئاساسەن مالايشىيادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مالايشىيادا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، باش كاتىپ ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسئۇلى نۇرمۇھەممەد مەجىد تۈركىستانىيدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت مالايشىيا پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى داتۇق سىرى سالاھىددىن ئەييۇبىينى زىيارەت قىلدى. زىيارەت داۋامىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىنى مالايشىيادا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.
ھەيئەت يەنە مالايشىيا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى تان سىرى داتو سېرى ئۇتامانى زىيارەت قىلدى ۋە شۇنداقلا دوكتور رايىس ياتىمنىڭ «مالايشىيا مۇستەقىللىق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تەشكىللەنگەن «مۇستەقىللىقنىڭ ئۈنۈمى» ناملىق يىغىلىشقا ئىشتىراك قىلدى. ھەيئەت يىغىلىشتا پارلامېنت رەئىسىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەييارلانغان دوكلاتنى سۇندى. ئاخىرىدا پارلامېنت رەئىسىگە دوپپا كەيدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەدىيە تەقدىم قىلدى.
ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى ئەپەندى 10-سېنتەبىر يەنە مالايشىيا مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىرلىكىنىڭ يىللىق يىغىلىشىغا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇرغاندىن سىرت، خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش» نامىدا ئاچ قويۇپ قىيناۋاتقانلىقىنى، ئاشكارا قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى ۋە ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللاشقا چاقىردى.
ئۇندىن باشقا نۇرمۇھەممەد مەجىد تۈركىستانىي ئەپەندى 12-سېنتەبىر كەچتە مالايشىيادىكى «Agenda Awani» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ پىروگراممىسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىندى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ