ھىندىستان بىلەن ياپونىيە خىتايغا قارشى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى

 

خىتاي تەھدىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان ھىندىستان بىلەن ياپونىيە تۇنجى كۈرەشچى ئايروپىلان بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان بىلەن ياپونىيە 8-سېنتەبىر بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇندىن باشقا ھىندىستان ھۆكۈمىتى ياپونىيە شىركەتلىرىنى ھىندىستاننىڭ ھەربىي سانائىتىگە مەبلەغ سېلىشقا تەكلىپ قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سىنگى توكيودا ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى نوبۇئو كىشى بىلەن كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىن ئاچقان.

ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى كۈرەشچى ئايروپىلان بىرلەشمە مانېۋىرىنى بالدۇرراق ئۆتكۈزۈش ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىق ئورنىتىشىغا ۋە ھاۋا ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇشىغا يول ئاچىدۇ، دەپ قارايدۇ» دېيىلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە ھىندىستان بىلەن ياپونىيە ئىككى تەرەپ خىتايدىن كەلگەن، كۈنسېرى ئېشىۋاتقان بىخەتەرلىك تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بىرلەشمە ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتمەكچى بولغان. ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا مۇداپىئە چىقىمىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن. ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسى كەلگۈسى بەش يىلدا دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2 گە يەتكۈزۈشنى ئويلاشقان. ئۇندىن باشقا يېقىندىن بېرى ياپونىيە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشىدىن ئىلھام ئالغان خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەندىشە قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان ئالدىنقى ھەپتە ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان يەرلىك ئاۋىياماتكىسىنى دېڭىز ئارمىيەسىگە سەپلىگەن. ھىندىستان ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن بىرلىكتە ھىندى-تىنچ ئوكيان تۆت تەرەپلىك ئىتتىپاقنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ھەر يىلى بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيەسى مانېۋىرى ئۆتكۈزۈپ، ماسلىشىپ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە.

خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارمىيەسى ھىمالايا تېغىدىن چېكىنىدۇ

ئىككى يىل داۋاملاشقان چېگرا توقۇنۇشى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى يىرىكلەشتۈرگەن بىر پەيتتە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى 8-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ھىمالايا تېغىنىڭ غەربىدىكى گوگرا قاتارلىق چېگرا رايوندىن چېكىنىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ بايانات كېلەر ھەپتە ئۆزبېكىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىن ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىغىنغا شى جىنپىڭ بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى قاتنىشىدىكەن. ھىندىستان تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى ئارمىيەنىڭ چېكىنىشى پىلانلىق ھالدا ماس قەدەمدە داۋام قىلىدىكەن.

ھىندىستان مۇداپىئەسى مىنىستىرلىقىدىكى بىر خەۋەردار شەخسنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ كۆرۈشۈشى ئاخىرلاشقان. ئەمما ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئەمەلىي كونترول لىنىيەسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە مىڭلىغان ئەسكەر توپلانغان. خىتاينىڭ يېڭى دېھلىدىكى باش ئەلچىخانىسى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ تېلېفون ۋە ئېلخەت ئارقىلىق سورىغان سوئالىغا دەرھال جاۋاب قايتۇرمىغان.

ھىندىستان بىلەن خىتاي ئەسكەرلىرى 2020-يىلى 6-ئايدا لاداخنىڭ گالۋان رايونىدا توقۇنۇشقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلىرى ئوتتۇرىسىدا 16 قېتىم ئۇچرىشىش بولغان. ئۆز ۋاقتىدىكى توقۇنۇشتا كەم دېگەندە 20 ھىندىستان ئەسكىرى، تۆت خىتاي ئەسكىرى ئۆلگەن. بۇ توقۇنۇش ئاسىيادىكى ئىككى چوڭ كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرگەن. 2021-يىلى 2-ئايدا خىتاي ئەسكەرلىرى ئون نەچچە بىنانى چېقىپ، ماشىنىلارنى يۆتكەپ، لاداختىكى پانگوڭ كۆلى قىرغاقلىرىدىن بىر نەچچە گازارمىنى بوشاتقان. بۇ ئەسكەرلەرنىڭ بەزىلىرى ئىككى تەرەپ ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بىر-بىرىگە ئانچە يىراق بولمىغان جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 835 قېتىم كۆرۈلدى
12/09/2022 10:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق