دوكلات: ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مىليونغا يېقىن شىركەتكە چېتىشلىق

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ھەرقايسى شىركەتلىرى بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق يېڭى بىر دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، بىر مىليونغا يېقىن شىركەت مەزكۇر قانۇننىڭ جازالاش دائىرىسىگە كىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

نىيۇيورك شەھىرىگە جايلاشقان يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆزىتىش شىركىتى «ئالتانا تېخنولوگىيەسى» ئالدىنقى ئايدا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى قوللايدىغان سودا ئېكولوگىيە سىستېمىسى ھەققىدە بىر دوكلات قىلغان بولۇپ، خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىگە چېتىشلىق 938 مىڭ 991 شىركەت بارلىقىنى ئاشكارىلىغان.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ شىركەتلەر دۇنيا ئىقتىسادىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، ئۇلار 600 گە يېقىن ئوخشىمىغان تارماق ساھەدە مىليونلىغان سودا مۇناسىۋەت سىستېمىسى قۇرۇپ چىققان. ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە دۇنيادىكى باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئوتتۇرىسىدا بىرىنچى دەرىجىلىك سودا مۇناسىۋىتىدىن 785 مىڭدىن ئارتۇقى بار بولۇپ، ئىككىنچى دەرىجىلىك سودا مۇناسىۋىتى بولسا 6 مىليون 871 مىڭدىن ئاشقان.

ئالتانا تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توقۇمىچىلىق، دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، تەبىئىي گاز، دېھقانچىلىق، ئۆي جاھازلىرى ۋە ماشىنا قاتارلىق ساھەلەردىكى بارلىق كەسىپلەرگە چېتىلىدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بۇ يىل 6-ئاينىڭ 21-كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئىمپورت قىلغۇچىلاردىن شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن بارلىق ماللارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقى ھەققىدىكى ئىسپات بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا رەختلىك كىيىم، پەمىدۇر ۋە كىرىستال كىرېمنىينى ئاساس قىلغان ئېغىر سانائەت بۇيۇملىرى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 721 قېتىم كۆرۈلدى
12/09/2022 10:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق