شەرقىي تۈركىستاندىن ئېچىنىشلىق سىنلار داۋاملىق تارقالماقتا

ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قامال سىياسىتى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېچىنىشلىق سىنلار كۆپلەپ تارقالماقتا.

10-سېنتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بەزى ئۆيلەرنىڭ ئىشىكىنى سىم ئارقىلىق، بەزىلىرىنى پېچەت چاپلاش ئارقىلىق تاقاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

9-سېنتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان يەنە بىر سىندا بولسا، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تەرىقىدە نەزەربەند قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلار بىلەن كارى بولماي تاشلاپ قويغانلىقى كۆرسىتىلگەن. غۇلجىنىڭ ئۇلاستاي باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى پار يەتكۈزۈش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ بۆرىكىگە تاش چۈشكەن بولۇپ، كېسىلى قوزغىلىپ قالغاندا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش ئۈچۈن ئادەم تېپىلمىغان. ئۇنىڭ ئايالى جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتىگە نەچچە قېتىم تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، بىراق تېلېفوننى ئالىدىغان ئادەم چىقمىغان. ئۇ يولىدىكى ساقچىلارغا شۇنچە يالۋۇرغان بولسىمۇ، بىراق ساقچىلار: «بىز ۋەزىپە ئۆتەۋاتىمىز» دەپ يېقىن كەلمىگەن. ئاخىرىدا بىمارنىڭ ئايالى: «خەلقىم، يولدىشىمنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار» دەپ نالە قىلغان.

10-سېنتەبىر تارقالغان يەنە بىر سىندا ئاچ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا توختىماي ماختىلىۋاتقان ئاتالمىش «پىدائىي»لارغا تېلېفون قىلغانلىقى، ئەمما ئەمەلدارلارنىڭ كارى بولمىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. مەلۇم بىر ئۈندىدار توپىدا بىر كىشى: «ئۆيدە ئۈچ پەرزەنتىم بار، يەيدىغان نەرسە يوق، بىز قانداق قىلىمىز؟» دەپ ئۇچۇر يازغان. باشقىلارمۇ: «بىزنىڭ ئۆيدىمۇ يەيدىغان نەرسە يوق. بىزنىڭ ئۆيدىمۇ بالىلار بار. ھەممىمىز ئاغرىپ قالدۇق» دەپ جاۋاب يازغان. مەزكۇر سىن يەنە قامال جەريانىدا ئاچلىقتىن تېنى ئاجىزلاپ قىزىپ قالغانلارنىڭ كۆپلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ نورمال ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، كىشىلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن پىسخىكىسى بۇزۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى رەزىل مەقسىتىنىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش» ئەمەس، بەلكى قاتتىق قامال ئارقىلىق خەلقنى ئامالسىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ناچار شارائىتتا كېسەل قىلىپ تۈگىتىش، ئۆيلەردە قالغانلارنى ئاچ قويۇپ قىيناش قاتارلىق رەزىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يېڭى ئۇسۇل بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋەزىيەتكە قارىتا تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ ھەقتە ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرماقتا. ئۇندىن باشقا ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۈرلۈك نامايىشلار تەشكىللىنىۋاتقان بولۇپ، خۇسۇسەن 12-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلمەكچى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1160 قېتىم كۆرۈلدى
12/09/2022 10:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق