خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا خىتاي رېجىمىنىڭ نەزەربەند قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتكەنلىكىنى، نەزەربەند قىلىنغانلارنىڭ نەچچە يۈز مىڭغا يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» 6-سېنتەبىر «ئۆيدىكى قامال: خىتاينىڭ نەزەربەند قىلىش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىشى» ماۋزۇلۇق دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بەلگىلەنگەن تۇرالغۇلارنى نازارەت قىلىش ئارقىلىق «سەزگۈر شەخسلەر» دەپ ئاتىۋالغان كىشىلەرنى ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرغان. بۇ خىتاينىڭ تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈشنى قىيىنلاشتۇرغان بولۇپ، نەزەربەند قىلىنغانلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش تەسكە توختايدىكەن.
دوكلاتتا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان پۇقرالارنى ئۆيلىرىگە نەزەربەند قىلىش قىلمىشى سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇلغان. خىتاي بۇ ھەقتە قانۇنىي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ جىنايى قىلمىشىنى قانۇنلاشتۇرغاندىن سىرت، قانۇنسىز ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۆكتىچىلەر ۋە پەرقلىق پىكىردىكى كىشىلەرنى خالىغانچە نەزەربەند قىلغان.
دوكلاتقا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي 2012- ۋە 2018-يىللىرى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىغا ئىككى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، نەزەربەند قىلىش قىلمىشىنى قانۇنلاشتۇرغان. دائىرىلەر ئاتالمىش «تۇرالغۇ نازارەتچىلىكى» ئارقىلىق نەزەربەند قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن.
«قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر» تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، «تۇرالغۇنى نازارەت قىلىش» دېگەن ئىبارە خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ «ھۆكۈمنامە ھۆججەتلىرى تورى»دا تەخمىنەن 270 مىڭ قېتىم تىلغا ئېلىنغان. شى جىنپىڭ دەۋرىدە نەزەربەند قىلىش زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلغان. خىتاي ۋىرۇسى تارقالغان يىللىرى خىتايدىكى نەزەربەند قىلىش دېلوسى 40 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ، 2019-يىلىدىكىدىن %13 ئاشقان. ئۇندىن باشقا خىتاي ئاتالمىش «سەزگۈر شەخسلەر» دەپ ئاتىۋالغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكىگىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە چەكلىمە قويغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ