«شەرقىي تۈركىستان خەلق دىپلوماتىيەسى» پىلانىغا ئاساسەن مالايشىيادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مالايشىيا تاراتقۇلىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرمەكتە.
شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى ئەپەندىلەر 7-سېنتەبىر مالايشىيانىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بولغان سىنار قانىلى ۋە ئىكم قاناللىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇرغانىدى. نۇر مۇھەممەد ئەپەندى بۈگۈن 8-سېنتەبىر مالايشىيانىڭ دۆلەتلىك قاناللىرىدىن بىرى بولغان ئاۋانى قانىلىنىڭ پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى ۋە مالايشىيا خەلقىنى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق داۋاسى مەسىلىسىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇشقا چاقىردى.
ھەيئەت 8-سېنتەبىر يەنە مالايشىيا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پىروفېسسور داتو زۇلكىفل ئابدۇرازاق ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت داۋامىدا ئاكادېمىك تەتقىقات ۋە كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىشىش ھەققىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. ھەيئەت ئاخىرىدا پىروفېسسور ئابدۇرازاققا ئۇيغۇر دوپپىسى بىلەن تون كىيدۈردى ۋە شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ھەدىيە بۇيۇمى تەقدىم قىلدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ