يېقىندىن يىللاردىن بېرى ياسىمىچىلىق كەسپى غەربتە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، خىتايدا ئاجىزلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، خىتاينىڭ دۇنيا ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى ئورنى تەۋرىنىشكە باشلىغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 7-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا خىتاينىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تېز سۈرئەتتە قەد كۆتۈرۈشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ تەدرىجىي تۆۋەنلىشى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان ئومۇمىي يۈزلىنىش بولۇپ قالغان. ئەمما يېقىنقى بىر قاتار ئالامەتلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ «دۇنيا زاۋۇتى» دېگەن سالاھىيىتى تەۋرىنىشكە باشلىغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى خىزمەتلەر ئەسلىگە كېلىشكە باشلاپ، ياسىمىچىلىق كەسپى قايتىدىن جانلىنىش ئالدىدا ئىكەن.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى تەمىنلەش زەنجىرىنى ئاستا-ئاستا خىتايدىن يۆتكەشكە باشلىغان بولۇپ، ئالما ۋە گۇگىلنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلىرى بۇندىن كېيىن خىتايدا ياسالمايدىكەن.
يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر نەچچە تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ياسىمىچىلىق ساھەسىدە قايتىدىن گۈللىنىش بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئىلگىرى قولدىن كەتكەن ئىش ئورنى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە دۇنيا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى مىككىنسېينىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان «ئامېرىكا ياسىمىچىلىق ساھەسىنىڭ گۈللىنىشى» ماۋزۇلۇق دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، يېقىنقى نەچچە ئون يىلدا ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى ئىقتىسادى ئورنىنى يوقىتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. 1997-يىلدىن باشلاپ، ئامېرىكا ياسىمىچىلىق شىركەتلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىنىڭ سانى ئازلاپ كەتكەن. ئەمما يېقىنقى بىر قىسىم يۈزلىنىشلەر بۇ ھالەتنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، ئامېرىكا ياسىمىچىلىق ساھەسىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سېلىشقا باشلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ