شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ-چىقىدىغان يەنە بىر تاشيول كۆپەيتىلدى

ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خىتايدىن شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ-چىقىدىغان يەنە بىر تاشيولنى كۆپەيتتى.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى ئىزچىل تۈردە ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىللەردە خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلالايدىغان ياشلارنى ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن جازا لاگېرى ياكى تۈرمىلەرگە قاماش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندا تۆمۈريول، تاشيول قۇرۇلۇشنى تېزلىتىش ئارقىلىق، خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ زور تۈركۈمدە، تېز سۈرئەتتە شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ يەرلىشىشىگە ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، خىتايغا توشۇشقا شارائىت ھازىرلىماقتا،

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 7-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، G331 لىنىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان-گەنسۇ چېگراسىدىن نوم بازىرىغىچە بولغان تاشيول تۈرىدە يول يۈزىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە ئاسفالت ياتقۇزۇلغان بولۇپ، يىل ئاخىرىدا قاتناش باشلاش پىلانلانغان. بۇ تۈر پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە، شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا كىرىپ- چىقىدىغان يېڭى بىر تاشيول كۆپىيىدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تۈردە 700 دىن ئارتۇق ئىشچى نۆۋەتلىشىپ قۇرۇلۇش قىلىپ، ھەر كۈنى ئالتە كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن قۇرۇلۇش قىلماقتىكەن.

G331 لىنىيەسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى لياۋنىڭنىڭ دەندۇڭدا بولۇپ، شەرقتىن غەربكە قاراپ شەرقىي تۈركىستانغىچە ئالتە ئۆلكىنى كېسىپ ئۆتىدىكەن، ئاخىرقى نۇقتىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قابا ناھىيەسىدە ئىكەن. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 169 كىلومېتىر كېلىدىغان خۇڭلىڭ-نوم تاشيولى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر بۆلەك بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى 2020-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلۇش باشلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يېڭى بەش يىللىق پىلانىغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانىنى تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى كەڭ يايلاقلىرى، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلىرى، مول سۇ بايلىقى بىلەن تونۇلغان رايونلارنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتكەندىن باشقا، شەرقىي تۈركىستان ھەرقايسى رايونلىرىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنى خىتايدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارغا تۇتاشتۇرۇشنى جىددىي ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1297 قېتىم كۆرۈلدى
08/09/2022 12:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق