ياپونىيە رۇسىيە-خىتاي بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ياپونىيەنىڭ بىر ئەمەلدارى رۇسىيەنىڭ ياپونىيە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان، ئەمما رۇسىيە كونترول قىلىۋاتقان ئاراللاردا دۆلەت ھالقىغان ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە ياپونىيەنىڭ شىمالىي دېڭىز قىرغىقىدا رۇسىيە بىلەن خىتاي ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قاتتىق دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيەنىڭ ئىچكى كابىنېت ئەمەلدارى خىروكازۇ ماتسۇنو رۇسىيەنىڭ تالاش-تارتىشتىكى تۆت ئارالنىڭ ئىككىسىدە مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان. ياپونىيە بۇ ئاراللارنى شىمالىي رايون دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، بۇ ئاراللار ياپونىيەنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى ئاساسلىق ئارال خوككايدودىكى كۇرىل ئارىلىغا جايلاشقان.

خىروكازۇ ماتسۇنونىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتى شەنبە كۈنى خوككايدودىكى كاپ كامۇينىڭ غەربىدىن 190 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ياپونىيە دېڭىزىغا زەمبىرەك ئاتقان رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئالتە ئۇرۇش پاراخوتىنى بايقىغان.

ماتسۇنو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە: «ياپونىيە بۇ مەسىلىگە داۋاملىق دىققەت قىلىدۇ ھەمدە بۇ پاراخوتلارنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ، بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ياپونىيە ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە كۆزىتىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ» دېگەن.

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 4-سېنتەبىردىكى باياناتىدا، مانېۋىرنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز مانېۋىرىغا قاتناشقانلىقىنى، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى تاكتىكا ئەترىتىنىڭ رۇسىيە بىلەن ياپونىيە دېڭىزىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى، بۇ يۆتكىلىشچان مىنالارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان مانېۋىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 955 قېتىم كۆرۈلدى
08/09/2022 09:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق