شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاچلىقتا قىينالماقتا

خىتاينىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قامال داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان سىنلار خەلقنىڭ ئاچلىق ئازابى تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

6-سېنتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قامال قىلىش قىلمىشى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچ قالغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، تۆت پەرزەنتلىك بىر ئايال قامال سەۋەبلىك ئاچ قالغانلىقتىن تۆت پەرزەنتىنى ئۆيدىن چىقىرىپ ئىشىكنى تاقىۋېلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىغان مەھەللە كادىرلىرىغا ئۇچۇر بەرمەكچى بولغان.

ئايال ئىشىكنى تاقاۋېتىپ: «قايسى كادىر بار كوچىدا، ئۆيۈمدە يېمەكلىك قالمىدى ئاچ قالدۇق. تۆت پەرزەنتىمنى چىقىرىۋەتتىم. ھۆكۈمەت نېمە قىلسا قىلسۇن!» دېگەن. ئايال ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن يەنە: «قۇرتلاپ كەتكەن ئۇننى تازىلاپ يەۋاتىمىز. يېگىلى ھېچنەرسە يوق» دەپ زارلانغان.

يەنە بىر سىندا بولسا قامالدا ئاچ قالغان خەلق خىتاي دائىرىلىرى تەشۋىقاتلىرىدا توختىماي ماختاۋاتقان ئاتالمىش «پىدائىي»لارنى چاقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاچ قالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. سىندا بىنانىڭ ھەر تەرىپىدىن: «بەش كۈن بولدى، يېمەكلىك بەرمىدى، ئاچ قالدۇق! بىزنىڭ بىناغا قارايدىغان ئادەم يوقمۇ؟» دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازلار بولۇپ، ئۇندىن باشقا سىندا قوشنىلار ئۆزئارا يەنە: «ئاۋۇلار ئاچلىقتىن بىنادىن ئۆزىنى تاشلىۋالغىلى تاس قالدى. دېرىزىدىن پۇتىنى ساڭگىلىتىپ بولغاندا تۇتۇۋالدى» دېيىشكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ نۆۋەتتىكى مەقسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە قاتتىق قامال قىلىش بىلەن بىرگە، ئىنتايىن ناچار شارائىتلاردىكى جايلارغا ھايۋانلارنى قامىغاندەك قاماش، كېسەل قىلىپ تۈگىتىش، ئۆيلەردە قالغانلارنى ئاچ قويۇپ قىيناش قاتارلىق رەزىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1427 قېتىم كۆرۈلدى
07/09/2022 18:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق