«شەرقىي تۈركىستان خەلق دىپلوماتىيەسى» پىلانىغا ئاساسەن 2-سېنتەبىر مالايشىياغا يېتىپ بارغان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى تۈرلۈك زىيارەت ۋە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، باش كاتىپ ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى رەئىسى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسئۇلى نۇرمۇھەممەد مەجىد تۈركىستانىيدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت 6-سېنتەبىر مالايشىيا دۆلەتلىك كىتاب تەرەققىيات ۋە ھۆججەتلىك فىلىم فوندىنى زىيارەت قىلدى ۋە كەلگۈسىدە بىرلىكتە قىلىنىدىغان خىزمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.
ھەيئەت شۇ كۈنى يەنە مالايشىيا ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇشا كۇلاسېگاران، مالايشىيا ياشلار تەشكىلاتى ABİM نىڭ رەئىسى فايسال ئەزىر، يەر شارى تىنچلىق ئۆمىكى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى فەھمى شەمسۇددىن مۇھەممەد ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.
ھەيئەت يەنە كۇئالالامپۇردا مالايشىيا پارلامېنت ئەزالىرى، ئاخباراتچىلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا، ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
ئۇندىن باشقا 7-سېنتەبىر مالايشىيانىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بولغان سىنار قانىلى ۋە ئىكم قاناللىرىدا نۇر مۇھەممەد تۈركستانى ۋە ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى ئەپەندىلەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان پىروگراممىغا قاتناشتى.
نۆۋەتتە ھەيئەتنىڭ زىيارىتى داۋام قىلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر