خىتاينىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرى ئامېرىكىنىڭ سۈنئىي ئىدراك ئۆزىكىگە كۈچلۈك ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئامېرىكا بۇ قېتىم خىتاينىڭ جان تومۇرى ھېسابلىنىدىغان ئۆزەك سېتىپ بېرىشنى توختاتتى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 7-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە خىتاي ئىگىلىكىدىكى تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ ھېسابلاش ئۆزىكىگە تايىنىپ، سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ كەلگەن، ئەمما نۆۋەتتە ۋاشىنگتون بۇ ئۆزەكلەرنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆزىنى «ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېت» ياكى «مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىدۇ» دەپ سۈپەتلىگەن خىتاي مۇداپىئە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىمۇA100 ئۆزىكىنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەن. دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرلارنىڭ بىرى بولغان «تيەنخې -2» خىتاي دۆلەت مۇداپىئە تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 2015-يىلدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى ئەندىشىسى سەۋەبىدىن ئۇنىۋېرسىتېت دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېردا ئىشلىتىلىدىغان ئىنتېل بىر تەرەپ قىلغۇچقا ئېرىشەلمىگەن.
خىتاينىڭ بۇ يىل 5-ئايدىكى بىر قېتىملىق خېرىدار چاقىرىش ئېلانىدا ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ ئىنستىتۇت سۈنئىي ئەقىل قوللىنىشچان Nvidia گىرافىك بىر تەرەپ قىلغۇچتىن 24 نى سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا يەنە بىر قېتىم خېرىدار چاقىرىش ئېلانى تارقاتقان. بۇ ئەھۋال خىتاي مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېخىچە باشقا دۆلەت ۋە ئورگانلار بىلەن ئۆزەك بىلەن تەمىنلەش ھەققىدە مۇۋاپىق كېلىشىم ياكى تەمىنلىگۈچى تاپالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، Nvidia ۋە AMD قاتارلىق ئامېرىكا شىركەتلىرى تەمىنلەيدىغان ئۆزەكنىڭ كەمچىل بولۇشى خىتاي ئورگانلىرىنىڭ سۈرەت ۋە تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھېسابلاش ئىشلىرىنى قىلىشىنى توسۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ