«خىتايدىن ھېساب سورايمەن» دېگەن لىز تىرۇس ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولدى

ئەنگلىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ باشچىلىقىدا سايلانغان لىز تىرۇس ئەنگلىيەنىڭ يېڭى ئايال باش ۋەزىرى بولدى.

كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىكى رەھبەرلىك سايلىمى ۋە نۆۋەتتىكى رەھبەرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش باسقۇچلىرىغا مەسئۇل ئورگان «1922 كومىتېتى» نىڭ باشلىقى ۋە پارلامېنت ئەزاسى گىراھام بىرادى لوندوندىكى ئايال پادىشاھ ئېلزابېت II يىغىن زالىدا، پارتىيە ئەزالىرى تاشلىغان ئاۋازنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان.

ئېلان قىلىنغان نەتىجىگە ئاساسلانغاندا، لىز تىرۇس 81 مىڭ 326 ئاۋازغا، رەقىبى رىشى سۇناك 60 مىڭ 399 ئاۋازغا ئېرىشكەن. بۇنىڭ بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك رىقابىتىدە غەلىبە قىلغان 46 ياشلىق لىز تىرۇس بىرلا ۋاقىتتا دۆلەتنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى بولۇش ھوقۇقىنىمۇ قولغا كەلتۈرگەن ۋە شۇنداقلا ئەنگلىيەنىڭ ئىككىنچى ئايال تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ۋە ئۈچىنچى ئايال باش ۋەزىرى بولۇپ قالغان.

سابىق باش ۋەزىر بورىس جونسون 6-سېنتەبىر شوتلاندىيەنىڭ بالمورال باغچىسىدا دەم ئېلىۋاتقان ئايال پادىشاھ ئېلزابېت II گە ئىستېپاسىنى سۇنىدىغان بولۇپ. لىز تىرۇس ئايال پادىشاھتىن يېڭى ھۆكۈمەتنى تەشكىللەش ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋالىدىكەن. لىز تىرۇس ئايال پادىشاھ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، لوندونغا قايتىپ كېلىپ، نۇتۇق سۆزلەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۈگۈن يېڭى كابىنېتنى ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتىكەن.

سابىق باش ۋەزىر بورىس جونسون 7-ئىيۇلدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى، باش ۋەزىرلىك ھوقۇقىنى بولسا، يېڭى رەھبەر سايلانغۇچە ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، لىز تىرۇس بۇندىن ئىلگىرى ئەگەر سايلامدا ئۇتۇپ چىقالىسا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي رېجىمىنىڭ جىنايىتىدىن ھېساب سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى ۋە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىدە ئاكتىپ بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «ئەمەلىيەت شۇكى، خەلقئارا سوت سىستېمىسى بۇنىڭدا رول ئوينىيالمايدۇ، بىز ئۇنىڭغا قاراپ تۇرالمايمىز. شۇڭا مەن بۇ ئىشتا كارغا كېلىدىغان باشقا مېخانىزملارنى ئىشلىتەلەيمىزمۇ -يوق دېگەن مەسىلىدە ئىزدىنىۋاتىمەن» دېگەنىدى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە دۇنيانىڭ دىققىتى بۈگۈن ئەنگلىيە باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان لىز تىرۇسنىڭ ئىلگىرىكى سۆزلىرىدە تۇرىدىغان-تۇرمايدىغانلىقىغا بۇرالغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىتى بۇلارنى بىر-بىرلەپ ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن.  

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1097 قېتىم كۆرۈلدى
06/09/2022 18:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق