شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قامال داۋام قىلماقتا

خىتاي ئاتالمىش «يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قامال داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان سىنلار ھەقىقىي ۋەزىيەتنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى ھەركۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 30، 40 كىشىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەنلىكىنى، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلارنىڭ بولسا بارماق بىلەن  سانىغۇچىلىكمۇ ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، چەكتىن ئاشقان قامال قىلىشلار، ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى يىغىۋېلىنغان كارانتىن ئورۇنلىرىنىڭ ئىنتايىن مەينەت ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقان سىنلارنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا كۆپلەپ تارقىلىشى، ئۆيلىرىگە قامالغانلارنىڭ ئاچلىقتىن قاتتىق قىينىلىۋاتقانلىقى، داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن كېسەللەرنىڭمۇ ئۆيلىرىدە جان ئۈزۈۋاتقانلىقى دېگەندەك خەۋەرلەر جىددىي ئەندىشە قوزغىماقتا.

فېيسبۇكتا تارقالغان 13 سېكۇنتلۇق بىر سىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قامال قىلىش ۋاسىتىسىنىڭ تېخىمۇ ۋەھشىيلەشكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، سىندا قەشقەردە ئىكەنلىكى ئېيتىلغان مەلۇم قورۇنى توسۇۋېتىش ئۈچۈن، دەرۋازا سىرتىنى تاختاي بىلەن مىخلاشقا باشلىغانلىقى ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلگەن.

خىتاي قامال سىياسىتىدە دېھقانلارنى ئېتىزغا ۋە مېۋىلىك باغلىرىغا چىقىشىنى چەكلىگەنلىكى سەۋەبلىك دېھقانلارنىڭ ئۈزۈملىرى پىشىپ سېسىپ كەتكەن. بىر سىندا بىر دېھقان تال باراڭلىرىدا پىشىپ سېسىپ كەتكەن ئۈزۈملەرنى كۆرسىتىپ ھەسرەت چەككەن ھالدا: «ھۆكۈمەت بۇنى كۆرۈڭلار! دېھقان بىچارىلارغا ئۇۋال بولۇپ كەتتى. دېھقانغا ئىگە بولىدىغان ئادەم يوقمۇ؟ دېھقانلار مۇشۇنداق خارلىنىپ كەتتى، قاق-سەنەم بولۇپ كەتتۇق» دېگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دېھقانلىرى دەل مول-ھوسۇل ئالىدىغان پەيتتە ھەممە يەرنى قامال قىلىشى، بازارلاردىكى ساناقسىز كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنىڭ سېسىپ تۈگىشى، ئۆيلەرگە ئاندا-ساندا يەتكۈزۈپ بېرىلىۋاتقان يېمەكلىكلەرنىڭ زىيادە قىممەت بولۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن مېۋە-چىۋە، كۆكتات ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى قاتارلىقلاردىن ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ ۋىرۇسنى توسۇش ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باستۇرۇش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1196 قېتىم كۆرۈلدى
06/09/2022 18:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق