يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى خىتاينىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا يەر تەۋرەش، ھاشارات ئاپىتى قاتارلىقلار يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتايلار زور تالاپەتكە ئۇچرىغان.
خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 5-سېنتەبىر شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12 دىن 52 مىنۇت ئۆتكەندە، سىچۈەننىڭ گەنزى ئوبلاستى لۇدىڭ ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرىگەن. يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 16 كىلومېتىر بولۇپ، يەر تەۋرىگەن رايوننىڭ 5 كىلومېتىر ئىچىدە نۇرغۇن يېزا بار ئىكەن. يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ چېڭدۇ شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىق 226 كىلومېتىر كېلىدىكەن.
خىتاي خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يەر تەۋرەشتە 46 ئادەم ئۆلگەن، 16 ئادەم يوقاپ كەتكەن، 50 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ سانى تېخىچە تولۇق ئېلان قىلىنمىغان. سىچۈەن دائىرىلىرى ئاپەت رايونىدىن ئادەملەرنى يۆتكىگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 50 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم گەنزى ئوبلاستى ۋە يائەن شەھىرىگە ۋاقىتلىق يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خىتاي دائىرىلىرى ئاپەتنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ يەر تەۋرەشكە جىددىي تاقابىل تۇرۇش دەرىجىسىنى 2-دەرىجىگە كۆتۈرگەن. نۆۋەتتە ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندا ئىزدەش، قۇتقۇزۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش داۋاملاشماقتىكەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، يەر تەۋرەش ئاپىتى دەل ۋىرۇس يۇقۇمى سەۋەبلىك شەھەر تاقىلىپ قالغان ۋاقىتتا يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن، بىر قىسىم ئاھالىلەر شەھەرنىڭ تاقىلىشىغا قارىماي قامالنى بۇزۇپ چىقىپ كەتكەن. بەزى كىشىلەر خەتەرلىك رايون دەپ قامال قىلىنغان رايوننىڭ تۆمۈر توسۇقلىرىنى بۆسۈپ چىقىپ كەتكەن.
ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسى يۈەنجاڭ شەھىرىدە لەيلىگەك قۇرت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، يوللارغا يېيىلغان قۇرتلار سەۋەبلىك قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 4-سېنتەبىر كەچتە خۇنەن ئۆلكىسى يىياڭ شەھىرىدە سانسىزلىغان ئاق رەڭلىك ھاشاراتلار پەيدا بولغان بولۇپ، قار ياغقاندەك ئاسماننى قاپلىغان .
يەرلىك ئەمەلدارلار ھاشاراتلار ئۆلۈكىنىڭ قېلىنلىقىنىڭ ئون سانتىمېتىردىن ئاشقانلىقىنى، ھەر ئىككى كۆۋرۈك قۇرتلارنىڭ كۆپلۈكىدىن تېيىلغاق بولۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئاپتوموبىللارنىڭ تېيىلىپ ماڭالمىغانلىقىنى، كۆۋرۈك ئۈستىدىكى قۇرتلارنى تازىلاشقا ئون سائەتكە يېقىن ۋاقىت كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن .
توردىكى سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، سانسىزلىغان قۇرتلار كوچا چىرىغى، يول بەلگىلىرى قاتارلىقلارنىڭ يېنىغا يىغىلغان بولۇپ، خىتايلارنى قورقۇتۇۋەتكەن. ھاشاراتلار ئاپتوموبىللارنىڭ ئەينەكلىرىگە قونۇۋېلىپ شوپۇرلارنىڭ كۆرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ