خىتاي ئاتالمىش «توردىكى پىتنىلەرگە زەربە بېرىش» ھەرىكىتى باشلىدى

خىتاي ئاتالمىش «تور پىتنىلىرى ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى تازىلاش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش» نامىدا خىتاي مىقياسىدا ئۈچ ئايلىق مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىغان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي مەركىزىي ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى 5-سېنتەبىردىن باشلاپ خىتاي مىقياسىدا ئۈچ ئايلىق ئاتالمىش «تور پىتنىلىرى ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى تازىلاش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى باشلىغان.

خەۋەردە خىتاينىڭ مەزكۇر زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تۇنجى بولۇپ يامان غەرەزلىك پىتنە-ئىغۋا تارقاتقان، كۆپ قېتىم پىتنە-ئىغۋا تارقاتقان، پىتنە-ئىغۋا ئارقىلىق تور تىجارىتى قىلىدىغان ھېسابات نومۇرلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ باشقۇرۇش ھەمدە ئۇنى تاقاش ۋە جازالاشنى پىلانلىغانلىقى دەۋا قىلىنغان. شۇنداقلا خىتاينىڭ مەخسۇس ھەرىكەت داۋامىدا دائىملىق تۈزەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق باشقۇرۇش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ تۈردىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىكى ئاساسلىق نىشاننىڭ خىتاي كوممۇنىست رېجىمىغا قارشى پىكىرلەر ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ قالپاق ئارقىلىق ھەرقانداق مۇخالىپ پىكىر ۋە سۆز-ھەرىكەتلەرنى ئاتالمىش «توردىكى پىتنە-ئىغۋا» دەپ ئاتايدىغانلىقى،  يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئارقىسى ئۈزۈلمەيدىغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنى باستۇرۇش ئىكەنلىكىنى، بۇ قېتىم يولغا قويۇلغان ئاتالمىش «زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭمۇ خىتاي كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 793 قېتىم كۆرۈلدى
06/09/2022 17:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق