خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى «شەرقىي تۈركىستان خەلق دىپلوماتىيەسى» پىلانىغا ئاساسەن، 2-سېنتەبىر مالايشىيا پايتەختى كۇئالالۇمپۇرغا يېتىپ بېرىپ، خىزمەتلىرىنى باشلىدى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە بىرلىكنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجىدىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت 1-سېنتەبىر كەچتە تۈركىيەدىن يولغا چىقىپ، 2-سېنتەبىر مالايشىيا پايتەختى كۇئالالۇمپۇرغا يېتىپ بېرىپ خىزمەتلىرىنى رەسمىي باشلىدى.
ھەيئەت تۇنجى بولۇپ، مالايشىيا باش مىنىستىرلىقى دۆلەتلىك ئىقتىسادىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەسلىھەتچىسى دوكتور ئابدۇرازاق بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە ئالدى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، خۇسۇسەن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى تونۇشتۇردى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ۋە بۇ مەسىلىدە ھەمكارلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە ئورتاق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.
تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مەزكۇر ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى يەنە، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى دۇنياغا كۆرسىتىپ بەرگەن، مالايشىيا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان دوكتور ئولسى يازىجى ۋە مالايشىيادىكى بىر قىسىمى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ