توقسۇ ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسىدە 3.2 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەركىزىنىڭ مەركىزى چوڭقۇرلۇقى 30 كىلومېتىر ئىكەن.

خىتاي يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 3-سېنتەبىر شۇ جاي ۋاقتى 06:54 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى (شىمالىي كەڭلىك 41.28 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 82.02 گىرادۇس) دائىرىسىدە 3.2 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 30 كىلومېتىر ئىكەن.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە تەۋرىگەن رايوننىڭ ئادەم زىچ رايون ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1479 قېتىم كۆرۈلدى
03/09/2022 17:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق