ئۈرۈمچىدە ئۈچ كۈنلۈك ئاتالمىش «تۇرغۇن ھالەتتە باشقۇرۇش» يولغا قويۇلدى

خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى خەلقىنى تېخىمۇ قاتتىق قامال قىلىش مەقسىتىدە، ئۈچ كۈنۈك ئاتالمىش «تۇرغۇن ھالەتتە باشقۇرۇش تۈزۈمى»نى يولغا قويدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 2-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى خەلقىنى تېخىمۇ قاتتىق قامال قىلىش مەقسىتىدە، ئۈچ كۈنلۈك ئاتالمىش « تۇرغۇن ھالەتتە باشقۇرۇش تۈزۈمى»نى يولغا قويغان. ئاتالمىش تۈزۈمدە يەنە: «تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونىدىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى خەۋپلىك رايونلار يەنىلا بىر قەدەر كۆپ، شۇنداقلا تۆۋەن خەۋپلىك رايونلار بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، بۇ رايوندىكى نوپۇسنىڭ زىچلىقى يۇقىرى، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مۇھىتى مۇرەككەپ، ۋىرۇسنىڭ يوشۇرۇن تارقىلىشىدىكى ئېنىقسىز خەۋپ-خەتەر يەنىلا مەۋجۇت، بولۇپمۇ يېقىندا مەھەللىدە ئاھالە بويىچە تارقىلىپ يۇقۇملانغانلار كۆرۈلدى» دېيىلگەن.

ئاتالمىش تۈزۈمدە يەنە خەلققە تەھدىت سېلىنىپ: «ئىغۋاغا ئىشەنمەي، ئىغۋا تارقاتماي، ياخشى بولغان يۇقۇم مۇداپىئە ۋە تىزگىن تەرتىپىنى قوغداپ، يۇقۇم مۇداپىئە ۋە تىزگىن نەتىجىسىنى قەتئىي ساقلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن سۆزلەر تەكىتلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەر يېقىنقى مەزگىللەردە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا قامال قىلىنغان ئائىلىلەرگە ماددىي ئەشيالارنى كۈنلۈك يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى، بۇ مەزگىللەردە تارقالغان سىنلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قامالدا قاتتىق قىينالغانلىقىنى، ھەتتا ئاچ قالغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قېتىم ئۈچ كۈنلۈك ياكى ھەپتىلىك ماددىي ئەشيالارنى بىر قېتىمدا يەتكۈزۈپ بېرىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ يامان نىيىتى بارلىقىنى، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى خەلقىنى تېخىمۇ قىيناشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، ئاشكارىلىنىۋاتقان سىنلاردا ھەتتا ئولتۇراق رايوندىكى بىنالارنىڭ كىرىش ئىشىكلىرىنى تۆمۈر بىلەن توسۇۋېتىشتەك چەكتىن ئاشقان قىلمىشلارنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغانلىقىنى، ۋىرۇسنى چەكلەش باھانىسى بىلەن يىغىۋېلىنغان خەلقنىڭ تازىلىقى ئىنتايىن ناچار يەرلەردە قامالغا ئېلىنغانلىقىنى، بۇ قىلمىشلارنىڭ ئاتالمىش يۇقۇمنى چەكلەش بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوقلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1403 قېتىم كۆرۈلدى
03/09/2022 17:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق