خىتاي ئاققۇنلار مەخسۇس نۆۋەتچى ئايروپىلانلار بىلەن توشۇلماقتا

ئاتالمىش «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» نامىدا خىتاينىڭ خاڭجۇدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇغا 143 «ئوقۇتقۇچى» كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن، ئاتالمىش «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» نامىدا خىتاي ئاققۇنلىرىنى توشۇش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناشقا باشلىغان.

خىتاي يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، خىتاي كۆچمەنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا جەلپ قىلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك قاتناش قۇرۇلۇشىغا زور كۆلەمدە خىراجەت ئاجراتقان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتايدىن شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىدىغان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ سانى بارغانچە ئاشقان. خىتاي بۇ قېتىم خىتاي كۆچمەنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆپلەپ كۆچۈرۈپ كېلىش مەقسىتىدە مەخسۇس نۆۋەتچى ئايروپىلان تەسىس قىلىپ خىتاي كۆچمەنلىرىگە قولايلىق شارائىت ياراتقان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 31-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي جەنۇبى ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ CZ5742 نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىغا قونغان. بۇ ئايروپىلاندا 143 ئاتالمىش «ئوقۇتقۇچى» شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن. بۇ 8-ئايدىن بۇيان كۆچمەن يۆتكەشكە تەسىس قىلغان تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلان ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بىر تەرەپتىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئىقتىسادىي ياردەم ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1433 قېتىم كۆرۈلدى
03/09/2022 16:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق