لاگېر شاھىتلىرىنىڭ سياسىي پاناھلىق ئىشلىرى ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

31-ئاۋغۇست ئامېرىكا ئارلىڭتون شەھەر پاناھلىق ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا توپلانغان ئۇيغۇرلار ئامېرىكا ۋېرجىنىيە ئىشتاتىدىكى پاناھلىق ئىشلىرى پۈتمىگەن لاگېر شاھىتلىرىنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنى تېزلىتىش ئۈچۈن نامايىش قىلدى.

نامايىشقا ۋىرجىنىيە، مېرىلەن ۋە ۋاشىنگتوندىن كەلگەن 50 دىن كۆپرەك ئادەم قاتناشقان بولۇپ، لاگېر شاھىتلىرىدىن: زۇمرەت داۋۇت، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ۋە مېھرىگۈل تۇرسۇن قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆزلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان سياسىي پاناھلىق ئىشلىرىنىڭ پۈتمىگەنلىكى توغرىسىدىكى نارازىلىق نۇتقىنى سۆزلىدى. ئارقىدىن ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەكلىپ پىكىرلىرىنى سۆزلىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1475 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2022 16:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق