نۇرى تۈركەلنىڭ تەيۋەن زىيارىتى داۋام قىلماقتا

ئامېرىكا ۋە تەيۋەن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2022-يىللىق دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرى ئۈچۈن 30-ئاۋغۇست تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ تەيۋەن زىيارىتى داۋام قىلماقتا.

تەيۋەن زىيارىتى جەريانىدا تەيۋەن پرېزدېنتى سەي يىڭۋېن، پارلامېنت رەئىسى يۇ سىكۇن، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېف ۋۇ قاتارلىق مۇھىم ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەن نۇرى تۈركەل ھەرخىل تېلېۋىزىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېف ۋۇ نۇرى تۈركەل ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن تىۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ: «كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان دىنىي ئەركىنلىك جەڭچىسى نۇرى تۈركەل بىلەن كۆرۈشكەنلىكىم ۋە ئويلىغانلىرىمنى ئورتاقلاشقانلىقىمدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان پاجىئە ئىنسانىيەتنى ئازابلايدۇ، بىر خىتاي دىپلوماتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنى تەيۋەندە تەشۋىق قىلىش نىيىتىدىمەن، بىز بىرلىشىشىمىز ۋە خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ ساراڭلىقىنى توختىتىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئۇنىڭغا ۋە باشقا رەھبەرلەرگە خىتاينىڭ جىنايەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان «قېچىش يوق» ناملىق كىتابىنى ھەدىيە قىلدى.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى يەنە، تەيۋەننىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى قوغدايدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1230 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2022 16:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق