60 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى ب د ت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى 31-ئاۋغۇست كەچتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان خورلاش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا مەجبۇرلاپ، ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىرغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى 60 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت نى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيەت ئەھۋالىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە چاقىرغان. باياناتتا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى دەرھال ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانلارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىلمىشلارنىڭ زوراۋانلىق خەۋپىنى باھالاپ چىقىشقا چاقىرىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن پەيشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى ئېلان قىلغان دوكلات ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ باياناتىدا: «ئامېرىكا بۇ مۇھىم دوكلاتنى قارشى ئالىدۇ» دېگەن.
ئانتونىي بىلىنكېن يەنە: «بۇ دوكلات خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇرلارغا ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا مىللەتلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلىنىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىغا بولغان ئەندىشىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى» دېگەن.
ئۇندىن باشقا ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە دوكلاتنى ئېلان قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ