خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى تېزلىتىدىغان يەنە بىر يول ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل مەقسىتى دائىرىسىدە خىتايدىن شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ-چىقىدىغان 3-يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا رەسمىي قاتناش باشلىدى.

خىتاي رېجىمى «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاشيول قاتنىشىنى كېڭەيتىشكە 400 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستانغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

خىتاي سودا ھەپتىلىك گېزىتى 31-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل مەقسىتى دائرىسىدە يېتىمبۇلاق - چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندا G7 ۋە G30 يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىن كېيىنكى شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ-چىقىدىغان 3-يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يېتىمبۇلاق-چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسى شەرقىي تۈركىستان بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەسىدە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 294 كىلومېتىر ئىكەن. مەزكۇر لىنىيە چىڭخەي پاسىلىغا توغرا كېلىدىغان يېتىمبۇلاق بازىرىدىن باشلىنىپ، چاقىلىق ناھىيەسىگىچە سوزۇلۇپ، ھازىرقى G218 تاشيولىغا تۇتىشىدىكەن.

يېتىمبۇلاق-چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يول لىنىيەسىنىڭ گېئولوگىيەلىك مۇھىتى مۇرەككەپ بولۇپ، بارلىق قۇرۇلۇشلار دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، يەر شەكلى مۇرەككەپ بولۇشىغا قارىماي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشنى تىزلىتىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلىگەن خىتاي دائىرىلىرى قۇرۇلۇشنى ئەسلى پىلاندىكىدىن سەككىز ئاي بۇرۇن تاماملىغان.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ يېڭى بەش يىللىق پىلانىغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانىنى تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان، كەڭ يايلاقلىرى، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلىرى، مول سۇ بايلىقى بىلەن تونۇلغان ئالتاي ۋىلايىتىنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئالتاي-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قۇرۇلۇشىغا جىددىي تۇتۇش قىلغانلىقىنى، ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغان شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۇتىشىدىغان يول قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆپلەپ يەرلەشتۈرۈش، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مول بايلىق زاپىسىنى خىتايغا توشۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىشنى تېزلەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1359 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2022 16:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق