مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى ھېلىھەم ئامېرىكا بازىرىدا سېتىلماقتا

ئامېرىكا تاللا بازارلىرى ۋە توردا سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقارغان چىلانلارنى داۋاملىق سېتىۋېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 31-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋاشىنگتوننىڭ شەھەر رايونىدىكى بىر قىسىم تاللا بازارلىرى ۋە ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم توردا پارچە سېتىش سودىگەرلىرى شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كەم دېگەندە ئۈچ خىل ماركىلىق چىلاننى ساتىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە چىلان قاچىلانغان قاپلارغا: «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش دېۋىزىيەسى» دەپ يېزىلغانلىقى تېخىمۇ دىققەت قوزغىدى.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ۋاشىنگتوندا پائالىيەت قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تۈرى» دۈشەنبە كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مېۋىلىرى: ئامېرىكا مىلىچماللار دۇكىنىدىكى چەكلەنگەن مەھسۇلاتلار» تېمىسىدا بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان.

دوكلاتتا: «ئامېرىكا يېمەكلىك پارچە ساتقۇچىلار ۋە ئىستېمالچىلار شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان چىلانلارنى سېتىۋېلىش ۋە سېتىش ئارقىلىق خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىغا شېرىك بولدى» دېيىلگەن.

دوكلاتتا 2022-يىلى 2-ئايدىن 2022-يىلى 8-ئايغىچە، ۋاشىنگتون شەھەر رايونىدىكى ئون نەچچە خەلقئارالىق مىلىچمال دۇكىنىنى تەكشۈرگەنلىكى، يەتتە دۇكاندىن شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان چىلان مەھسۇلاتلىرىنى تاپقانلىقى، ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستاندىن ۋاشىنگىتونغا چىلان مەھسۇلاتلىرىنى ئەۋەتىدىغان توردىكى خەلقئارالىق مىلىچمال دۇكانلىرىنى تەكشۈرۈپ تاپقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، ئامېرىكا تور بازىرى ئامازون، eBay ۋە Walmart نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكىنىڭ تور بازارلىرى شەرقىي تۈركىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان چىلان قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ساتىدىكەن. كەم دېگەندە 15 ئامېرىكا شىركىتى پارچە سېتىش سودىگەرلىرىگە سېتىش ئۈچۈن چىلان مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدىكەن. بۇ شىركەتلەر بلۇمىڭتون ئىمپورتى Bloomington Import، گروۋلاند شىركىتى يېمەكلىك توپ تارقىتىش شىركىتى قاتارلىقلار ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ چىلانلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىش مەسىلىسىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرلىرى دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان H&C يېمەكلىك شىركىتى قاتارلىق بىر قىسىم شىركەتلەردىن ئالاقىدار مەسىلىلەرنى سورىغان بولسىمۇ، بىراق ۋاقىت توشقۇچە ھېچقانداق جاۋاب ئالالمىغان.

دوكلاتنىڭ تەييارلىغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان نۇزۇگۇم سېتىۋالدى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دوكلاتتا يەرشارى ۋە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ سودا سانلىق مەلۇماتى ئارقىلىق يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى %20 چىلاننىڭ خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايقىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 924 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2022 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق