بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى دوكلاتتا خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ: «ب د ت ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكىگە كەسكىن باھا بەردى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن.
ئۇندىن باشقا بىر قىسىم ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ب د ت ئېلان قىلغان دوكلاتنىڭ مەزمۇنىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىغا نىسبەتەن بەك ئاجىز بولۇپ قالدى دەپ باھا بەرگەن بولۇپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنى خىتاينىڭ بېسىمىغا باش ئەگدى دەپ ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مەكگوۋېرن 1-سېنتەبىر بىرلەشمە يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىشىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىيناش، ئاياغ ئاستى قىلىش، نوپۇسنى مەجبۇرىي كونترول قىلىش سىياسىتى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە ئائىلىنى مەجبۇرىي ئايرىپ ۋەيران قىلىش قاتارلىق ئېغىر زىيانكەشلىكلىرىنى چوڭقۇرلاپ تەكشۈرگەن مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى» دېگەن.
ئورىگون ۋە ماسساچۇستېس ئىشتاتىدىن دېموكراتچىلار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرى: «بۇ دوكلات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنى چوقۇم ھەرىكەتكە كېلىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزگەن جىنايى قىلمىشلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشى ئۈچۈن كۈچلۈك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدى» دېگەن.
باياناتتا يەنە نۆۋەتتە ئەڭ مۇھىم بولغىنى دۇنيا رەھبەرلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مەسئۇل ئەمەلدارلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
پارلامېنت ئەزالىرى باياناتىنىڭ ئاخىردا: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت خۇلاسە چىقارغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى يەنىلا داۋاملاشماقتا » دېگەن.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئىشخانىسى 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان 48 بەتلىك دوكلاتتا: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ئاساس قىلغان خالىغانچە ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك تۇتۇپ تۇرۇش قىلمىشىنىڭ دەرىجىسى قانۇن ۋە سىياسەتكە ئاساسلانغاندا، شەخسلەر ۋە گۇرۇپپىلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئاساسىي ھوقۇقلارنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك چەكلىگەن ۋە مەھرۇم قىلغان ئەھۋال ئاستىدا خەلقئارالىق جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە قىلغانىدى.
دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىۋالغان جازا لاگېرلىرىدىكى قىيىن-قىستاققا ئېلىش، ناچار مۇئامىلە قىلىش، جۈملىدىن نامەلۇم دورىنى مەجبۇرىي يېگۈزۈش، ناچار شارائىتتا تۇتۇپ تۇرۇش، ئاياغ ئاستى قىلىش ۋە ۋەھشىيلەرچە زوراۋانلىق قىلىش توغرىسىدىكى ئەھۋاللار ھەققىدە توختالغان باچېلېت: «بۇ مەلۇماتلار ئىشەنچلىك» دېگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ