ئامېرىكا خىتاي ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ 26 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 31-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۆت خىتاي ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىن خىتايغا ئۇچىدىغان 26 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى خىتاي ۋىرۇس بايقالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئۇچۇشىنى ۋاقتىنچە توختىتىش قىلمىشىغا قارشى بېرىلگەن جاۋاب ئىكەن.
ئامېرىكا قاتناش مىنىستىرلىقى 25-ئاۋغۇست خىتاينىڭ ئىككى دۆلەت ئىمزالىغان ئاۋىئاتسىيە ساياھەت كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىگە ناھەق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. خىتاينىڭ ئامېرىكا نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشىنى ۋاقتىنچە توختىتىش تەلىپى ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيەسىگە تەۋە يولۇچىلار ئارىسىدا ۋىرۇس يۇقۇمى بايقالغانلىق باھانىسى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئامېرىكا قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى نيۇ-يورك شەھىرىدىن خىتايغا بارىدىغان يەتتە ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى شۇنداقلا خىتاي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، خىتاي شەرق ئاۋىئاتسىيەسى، خىتاي جەنۇب ۋە شيامېن ئاۋىئاتسىيە شىركىتى قاتارلىق تۆت ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىنى توختاتقان بولۇپ، جەمئىي 26 نۆۋەتچى ئايروپىلان توختىتىلغان.
رويخەت ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئايروپىلانلار 5-سېنتەبىردىن 28-سېنتەبىرگىچە توختىتىلغان. ئامېرىكا قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، توختىتىلغان خىتاي ئاۋىئاتسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى خىتاي ئاتالمىش «سۇغۇرتا» مېخانىزمى ئاستىدا ئەمەلدىن قالدۇرغان ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي سانى بىلەن ئوخشاش ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا بۇ يىل 7-ئاۋغۇست كۈنىدىن ئىلگىرى، ئەگەر چەتئەل ئاۋىئاتسىيەسىدە توققۇز كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالسا، مەزكۇر ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئۇچۇشىنى ئىككى ھەپتە توختىتىش ياكى ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار سانىنى %40 گە ئازايتىش كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن.
ئامېرىكا قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرماقچى بولغان يولۇچىلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى يۇقۇملانغۇچى قىلىپ كۆرسەتكەنلىكى، ئەمما خىتاينىڭ ئايروپىلانىغا چىقىشقا تىزىملاتقۇچىلارنى ساغلام دەپ دىئاگنوز قويۇپ، يولۇچىلارغا تەڭسىز مۇئامىلە قىلغانلىقى، شۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا تەرەپ خىتايغا قارشى تەدبىر قوللانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ