بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت خەلقئارا جەمئىيەت ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈۋاتقان دوكلاتنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇنقى ئاخىرقى مىنۇتلاردا ئېلان قىلدى.
مىشېل باچېلېت 31-ئاۋغۇست ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقان ئاخىرقى پەيتلەردە، ئۇزۇندىن بۇيان كېچىكتۈرۈلۈپ كەلگەن، خەلقئارا جەمئىيەت تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان مۇئامىلىلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن.
باچېلېتنىڭ ئىشخانىسى تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ خۇلاسىسىدە خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئاتالمىش «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە زەربە بېرىشىنىڭ خەلقئارا قانۇن ساھەسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
باچېلېتنىڭ ئىشخانىسى تەييارلىغان مەزكۇر 48 بەتلىك دوكلاتتا: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ئاساس قىلغان خالىغانچە ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك تۇتۇپ تۇرۇش قىلمىشىنىڭ دەرىجىسى قانۇن ۋە سىياسەتكە ئاساسلانغاندا، شەخسلەر ۋە گۇرۇپپىلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئاساسىي ھوقۇقلارنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك چەكلىگەن ۋە مەھرۇم قىلغان ئەھۋال ئاستىدا خەلقئارالىق جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە قىلىنغان.
دوكلاتتا خىتاينىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىۋالغان جازا لاگېرلىرىدىكى قىيىن-قىستاققا ئېلىش، ناچار مۇئامىلە قىلىش، جۈملىدىن نامەلۇم دورىنى مەجبۇرىي يېگۈزۈش، ناچار شارائىتتا تۇتۇپ تۇرۇش، ئاياغ ئاستى قىلىش ۋە ۋەھشىيلەرچە زوراۋانلىق قىلىش توغرىسىدىكى ئەھۋاللار قەيت قىلىنغان بولۇپ، «بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار ئىشەنچلىك» دەپ باھا بېرىلگەن.
باچېلېتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئىشخانىسى مەۋجۇت بولغان ئۇچۇرلاردىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ كونكرېت دەرىجىسى ھەققىدە «ئېنىق يەكۈن» چىقىرىشقا ئامالسىز ئىكەن، ئەمما خىتاي قۇرۇپ چىققان بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ خىتاينىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە يۈز بېرىشىنى «مۇنبەت تۇپراق» بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ئېنىق ئىكەن.
باچېلېت دوكلاتنى ئېلان قىلىپ بىر نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى پەيشەنبە تاڭ سەھەردە خىتاينىڭ جەنۋەدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق ئۆمىكىنىڭ باياناتچىسى ليۇ يۈيىن بايانات ئېلان قىلىپ: «بۇ دوكلات ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىن ئىبارەت خىتايغا قارشى كۈچلەر پىلانلىغان سېنارىيە» دەپ بىلجىرلىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ھەقتە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇشتىكى يانتايىقى ۋە قورالىغا ئايلاندى» دەپ بىلجىرلىغان.
باچېلېت ئالدىنقى پەيشەنبە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىش مەسىلىسىدە ئىنتايىن ئېغىر بېسىم ئاستىدا قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانىدى ۋە بۇ بېسىملارنىڭ مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى توسالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېسنىڭ باياناتچىسى دوكلات ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ب د ت باش كاتىپىنىڭ دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن مەزكۇر دوكلاتنى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتقان.
30-ئاۋغۇست ب د ت نىڭ ئومۇمىي يىغىن زالىدا مىشېل باچېلېتنىڭ ۋەزىپىدىن ئايرىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 15 مىنۇت خوشلىشىش نۇتقى سۆزلىگەن باچېلېت ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغىمۇ ئالمىغانلىقى ۋە تەييارلانغان دوكلات ھەققىدىمۇ زۇۋان سۈرمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئەيىبلەنگەنىدى. خۇسۇسەن ئەنگلىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رىتا فىرەنچ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى جون فىشېر قاتارلىقلار ئۇنى ئاخىرقى مىنۇتلاردا بولسىمۇ مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا چاقىرغانىدى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى ب د ت نىڭ بۇ دوكلاتىغا ئاۋاز قوشۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايەتلىرىنى توسۇشقا چاقىردى. شۇنداقلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارالىق ئورگانلاردىنمۇ مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تەكشۈرۈشنى ۋە توسۇشنى تەلەپ قىلدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ