باچېلېت ئۇيغۇرلارنى تىلغىمۇ ئالماستىن ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان زىيارىتى، ئۇنىڭ تېگىشلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك جىددى غۇلغۇلىغا ۋە ئەيىبلەشكە سەۋەب بولغان ئىدى ۋە 8-ئىيۇن 200 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، باچېلېتنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرغانىدى.

شۇنداقلا مىشېل باچېلېتنىڭ مەغلۇبىيەتلىك زىيارىتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرى توغرىسىدا ھېچقانداق نەتىجە ھاسىل قىلالمىغانلىقى، ئەكسىچە خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىغا دەسمايە بولۇپ بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ قاتتىق ئەيىبلەنگەنىدى.

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ جەنۋەدىن بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە،  ھەرقايسى دۆلەت دىپلوماتلىرى باچېلېتنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان ۋەدە قىلىنغان دوكلاتنى ئېلان قىلمىسىمۇ، سەيشەنبە كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان مىشېل باچېلېتنى ھۆرمەت بىلەن قارشى ئالغان.

30-ئاۋغۇست ب د ت نىڭ ئومۇمىي يىغىن زالىدا مىشېل باچېلېتنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 15 مىنۇت خوشلىشىش نۇتقى سۆزلىگەن باچېلېت ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغىمۇ ئالمىغان ۋە تەييارلانغان دوكىلات ھەققىدىمۇ زۇۋان سۈرمىگەن.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە كۆپ دۆلەت ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، باچېلېتنىڭ ئۆتكەن تۆت يىلدىكى رىقابەتكە قانداق تاقابىل تۇرغانلىقىنى ماختاش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى دوكىلاتنى ئەڭ ئاخىرقى كۈندە بولسىمۇ ئېلان قىلىشى ئۈچۈن چاقىرىق قىلىشتى.

سەيشەنبە كۈنىدىكى يىغىندا ئەنگلىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رىتا فىرەنچ خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى بېسىمىغا ئىشارەت قىلىپ: «ھەممىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان نەرسە، ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئوبيېكتىپ تەكشۈرۈشتىن كەچۈرۈم قىلىنماسلىقى ۋە ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئالىي كومىسسارنىڭ مۇستەقىل ئاۋازىنى بوغۇشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەك! شۇڭا بىز سىزنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى دوكلاتىڭىزنى ئېلان قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى جون فىشېر باچېلېتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەقدىرلەش بىلەن بىللە: «ئەگەر سىز ۋەزىپىڭىزدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن شەرقىي تۈركسىتان توغرىسىدىكى دوكلاتىڭىزنى ئېلان قىلمىسىڭىز، بۇ خەتەرلەرنىڭ ھەممىسى كۆلەڭگىدە قالىدۇ. «ئۇيغۇرلار ۋە باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار، ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن زىيانكەشلىكنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى دۇنياغا بىلدۈرۈشىڭىز ئۈچۈن سىزگە ئىشەندى» دېدى ۋە: ئەگەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن سىز دەس تۇرمىسىڭىز، كىم تۇرىدۇ؟ دەپ نىدا قىلدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1176 قېتىم كۆرۈلدى
31/08/2022 15:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق