ئامېرىكا ۋە تەيۋەن ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 2022-يىللىق دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرى 30-ئاۋغۇست تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى رەئىسى نۇرى تۈركەل مۇنبەردە ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، تەيۋەن دېموكراتىيەسى ئۈچۈن خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى بىلەن داۋاملىق سۆھبەتلىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە تەيۋەننى «خىتاينىڭ بىر پارچىسى» دەپ قاراشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 2022-يىللىق دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرىگە تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېف ۋۇ، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت ئەربابلىرى قاتناشقان.
مۇنبەردە ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان نۇرى تۈركەل خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن «ئاپتونومىيە ھوقۇقى» ۋەدە قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ۋە خوڭكوڭدىكى باستۇرۇشنىڭمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ۋە خىتاي رېجىمى تەيۋەننى ئىشغال قىلغان تەقدىردە، بۇ يەردىمۇ «مائارىپ»، «تەربىيەلەش» نامىدا ھەر خىل رەزىللىكلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
نۇرى تۈركەل سۆزىدە يەنە تەيۋەننىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تەكشۈرىدىغان ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر تەيۋەننى قوغدىيالمىساڭلار، ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە قالىسىلەر. ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش دېيىش سىلەرنى بۇ تەقدىردىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.
نۇرى تۈركەل ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەش ئارقىلىق سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز چوقۇم بۇ رەزىللىكلەرنى دۇنياغا بىلدۈرۈشىمىز ۋە ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز كېرەك» دېگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن، خىتاي رېجىمىنىڭ دېموكراتىك ۋە ئەركىن تۈزۈمگە قانچىلىك تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «خىتاي رېجىمى خوڭكوڭ ۋە خىتاي خەلقىگە بېسىم ئېلىپ كەلدى، ئەمدى ئۇ تەيۋەنگە بېسىم قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئەسلەڭلار. ئۇ سۆزىدە ئېنىق قىلىپ تەيۋەننىڭ كېيىنكى نىشان ئىكەنلىكىنى، كوممۇنىست پارتىيەنىڭ تەيۋەن خەلقىنى قايتا تەربىيەلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. شۇڭلاشقا بىز خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلغان پاجىئەسىدىن ساۋاق ئېلىشىمىز ۋە ئوڭشىلىپ قېلىشىنى ساقلىماسلىقىمىز كېرەك» دېگەن.
نۇرى تۈركەل يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنتايىن ساددا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، تەيۋەن دېموكراتىيەسى ئۈچۈن خىتاي رېجىمى بىلەن داۋاملىق سۆزلىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە تەيۋەننى «خىتاينىڭ بىر پارچىسى» دەپ قاراشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.
تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن يىغىندا سۆز قىلىپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە: «تەيۋەن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشىدۇ» دېدى.
سەي يىڭۋېن يەنە تىۋىتتېردا: «بۇ يىلقى رايونلۇق دىنىي ئەركىنلىك مۇنبىرىدە بىز ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇققا بولغان ۋەدىمىزنى قايتا تەكىتلىدۇق. تەيۋەن دېموكراتىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش ۋە كۆپ خىللىقنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردە بۇ رايوننىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىش يولىدا قەدەم باسىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر