خىتاي قامال مەزگىلىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلماقتا

شەرقىي تۈركىستاندا 30-ئاۋغۇست بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن 34 ى كۆپەيگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىمار 33، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار 1 ئىكەن. خىتاي رېجىمى يۇقۇم باھانىسى بىلەن خەلققە قاراتقان باستۇرۇش ۋە نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تەدبىرلەر بىلەن قامال قىلىپ، خىتايلارنى ئازادە قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىماقتا.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 30-ئاۋغۇست كەچتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى ۋىرۇسنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 0 دىن 24 كىچە، شەرقىي تۈركىستاندا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 33 كىشىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەنلىكىنى، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلاردىن 1 ىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، مەزكۇر يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، سانجى ئوبلاستى، قۇتۇپى ناھىيەسى قاتارلىق رايونلاردا بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قورچاق ئەمەلدارلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئۇسۇللار بىلەن قامال قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قامالدا ئۇيغۇرلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلغانلىقى ناھايىتى ئاشكارا ھالدا ئۇتتۇرىغا چىقتى.

ئىككى مىنۇتلۇق سىندا بىر كىشى ئۆيىگە كۈندىلىك لازىمەتلىكلەرنى ئېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىققان بولۇپ، يەرلىك ئەمەلدار ئۇ كىشىنىڭ سىرتقا چىقىشىنى چەكلەپ ئۆيگە كىرىپ كېتىشكە بۇرىغان. ئۇ كىشى بۇ تەڭسىزلىككە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «مىنىلا باشقۇرىدىكەنسەن، خىتايلارمۇ سىرتتا يۈرىدۇ، ئۇلارنىمۇ باشقۇرمامسەن» دەپ قارشىلىق بىلدۈرگەن. ئەمەلدار بولسا: «ئۇلار بىلەن مېنىڭ كارىم يوق، سېنىلا سىرتقا چىقارمايمەن» دەپ بۇيرۇق قىلغان ۋە تارتىشىش جەريانىدا قارشىلىق كۆرسەتكەن كىشىگە تەھدىت سالغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1581 قېتىم كۆرۈلدى
31/08/2022 13:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق