تەيۋەنگە غايەت زور سوممىلىق قورال سېتىشنى تەستىقلاش تەلەپ قىلىندى

بايدېن ھۆكۈمىتى پارلامېنتتىن تەيۋەنگە 1 مىليارد 100 مىليون دوللارلىق قورال سېتىپ بېرىشنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 30-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەننىڭ خىتاي بىلەن بولغان قارشىلىق ھەرىكىتى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان پەيتتە، بايدېن ھۆكۈمىتى ئامېرىكا پارلامېنتىدىن تەيۋەنگە تەخمىنەن 1 مىليارد 100 مىليون دوللارلىق قورال سېتىپ بېرىشنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 60 دانە پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 100 دانە ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بار ئىكەن.

سىياسەت خەۋەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دەسلەپكى باسقۇچتىكى ھەربىي پىلانغا ئاساسلانغاندا، بۇ قوراللار ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان 355 مىليون دوللار قىممىتىدىكى 60 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە كۆزىتىش رادارى قاتارلىق قىممىتى 655 مىليون 400 مىڭ دوللارلىق قوراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن باشقا، تەيبېينىڭ ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن F16 كۈرەشچى ئايروپىلانىغا سەپلىنىدىغان بومبىلارمۇ بار ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى بۇ ئايدا تەيۋەننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدا چوڭ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ۋە تەيۋەننى كونتروللۇقىغا ئېلىش ئۈچۈن قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە خەۋەر قىلىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى تەيبېي ھۆكۈمىتىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. تەيۋەنگە ئائىت بەزى تەستىقلار كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ياكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۈچ مەنبەنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قورال سېتىش پىلانى خىتاي بىلەن بولغان زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان يېڭى ئىقتىدارلىق قوراللار بىلەن تەمىنلىمەستىن، تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھەربىي كۈچى ۋە سىستېمىسىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىكەن. ئۈچ مەنبە مەسىلىنىڭ سەزگۈرلۈكى سەۋەبىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1004 قېتىم كۆرۈلدى
31/08/2022 13:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق