«مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار كۈنى» دە ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىندى

مەجبۇرىي غايىب قىلىتىۋېتىش زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار كۈنىدە ئۇيغۇرلار تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي ئادۋوكاتلىرى ب د ت نى كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇسىنى نازارەت قىلىش قىلمىشلىرىنى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش قىلمىشى دەپ بېكىتىشكە چاقىرغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ 30-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 30-ئاۋغۇست خەلقئارا مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار كۈنى  بولۇپ، بۇ يىل مارتتا قويۇپ بېرىلگەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى يۈ ۋېنشېڭ تىۋىتتېردا ئۇچۇق مەكتۇپ يوللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن تۆۋەندىكىلەرنى تەلەپ قىلغان:

«كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇسىنى نازارەت قىلىش قىلمىشىنى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش دەپ بېكىتىش، بېكىتىلگەن تۇرالغۇ نازارەت قىلىش قىلمىشلىرىنى خورلاش دەپ بېكىتىش، خىتاينىڭ تۇرالغۇ نازارەت قىلىش قىلمىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرىق قىلىش قاتارلىقلار».

مەكتۇپتا ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بايانات نەقىل ئېلىنغان بولۇپ، باياناتتا خەلقئارا مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار كۈنىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلىكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىش قىلمىشلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئاساسلىق جىنايى ھەرىكەتكە ئايلانغانلىقى، خىتاي كومپارتىيەسى سىستېمىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقى، ئۇيغۇرلار ئىرقىي ۋە دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك خىتاي تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىمۇ ئۇلارنىڭ ئېغىر كۈنلىرىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە يەنە نەچچە يىلدىن بىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەھۋالى بارغانچە ناچارلاشقاندىن باشقا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندا غايىب بولغان تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى داۋاملىق قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنى غايىب قىلىۋەتكەندىن باشقا خىتاي ئۆكتىچىلىرى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى ئۈستىدىن ئەرز قىلغان باشقا پىكىردىكى كىشىلەرنىڭمۇ تۇيۇقسىز غايىب بولۇشى غەرب ئەللىرىنىڭ كۈنسېرى دىققىتىنى قوزغىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 792 قېتىم كۆرۈلدى
31/08/2022 13:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق