خىتاي ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى سۈرگۈن قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى خۇلاسىلەنگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا سۈرگۈن قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2017-يىلىدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئائىلىسىنى پارچىلاش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا ياش قىز-ئوغۇللارنى ۋە ئەرلىرى تۈرمە ياكى جازا لاگېرىغا قامالغان ئاياللارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشقا باشلىغانىدى. نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستاندا نۇرغۇن ئائىلىلەر ۋەيران بولۇشتىن ئىبارەت ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىققان ئىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 30-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم» رايونلۇق پارتكوم 27-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا سېكرېتار ما شىڭرۈي: خىتاي كومپارتىيەسى 18 - قۇرۇلتېيىدىن بۇيانقى 10 يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن جىنايى قىلمىشلىرىنى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت دەپ سۈپەتلىگەن ۋە ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا، 10 يىل ئىچىدە شەھەر – يېزىلاردىن 3 مىليون 64 مىڭ 900 كىشىنى خىتاي ۋە باشقا يەرلەرگە سۈرگۈن قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە خىتاي كومپارتىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كوممۇنىستلارنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن مەجبۇرىي تۇغقانلاشتۇرغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە ئاتالمىش «يېزىلاردىكى بالىلارنى ئىشىكى ئالدىدىلا ياخشى ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىش» نامىدا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى خىتاي قىلىپ تەربىيەلەش رەزىل مەقسەت دائىرىسى ئىچىدە تەسىس قىلىنغان بالىلار لاگېرلىرىنى ئالاھىدە نەتىجە سۈپىتىدە تىلغا ئالغان.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا جەمئىي 38 مىڭدىن ئارتۇق كوممۇنىستنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2018-يىلى بىر يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ، ئۈچتۇرپان ناھىيەلىرىدىن 2417 كىشىنى خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلغان. شۇنداقلا يەنە ئۈچتۇرپاندىن 3000 كىشىنى ئۇزۇن يىللىق سۈرگۈن قىلىشنى، 10000 كىشىنى پەسىل خاراكتېرلىك سۈرگۈن قىلىشنى ئالدىن پىلانلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1249 قېتىم كۆرۈلدى
31/08/2022 12:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق