خىتاينىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ تەيۋەننىڭ ھاۋا تەۋەسىگە تاجاۋۇز قىلىپ پاراكەندە قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تەيۋەن ئارمىيەسى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەگەر خىتاي ئاگاھلاندۇرۇشنى ئاڭلىمىسا ئېتىپ تاشلايمىز» دېدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن ئارمىيەسىنىڭ تەخمىنەن ئون كۈن ئىلگىرى خىتاي پۇقراۋىي ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى جىنمېنغا تاجاۋۇز قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، جىنمېندا تۇرۇشلۇق تەيۋەن قاراۋۇلخانىسىنىڭ قاراۋۇللىرىنى سۈرەتكە تارتقان. بۇنىڭ بىلەن تەيۋەن ئارمىيەسى تۇنجى قېتىم: خىتاي تەرەپ ئاگاھلاندۇرۇشنى ئاڭلىمىغان ئەھۋالدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ تاشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ تەيۋەنگە ئارقا-ئارقىدىن زىيارەت قىلىشى سەۋەبىدىن، تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيچىلىك كەسكىنلەشكەن. بېيجىڭ دائىرىلىرى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش ۋە ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، بىر قانچە كۈن تەيۋەن ئەتراپىدىكى دېڭىز ۋە ھاۋا بوشلۇقىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. بۇ جەرياندا خىتاي ئارمىيەسى قويۇپ بەرگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەيبېي ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 16-ئاۋغۇست كۈنى كەچتە، خىتاينىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى جىنمېننىڭ ئېردان ئارىلى مۇداپىئە رايونىدىكى بىر قاراۋۇلخانىنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان ئىككى ئەسكەرنى سۈرەتكە تارتقان. بۇ سۈرەت خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان. بۇ سىندا يەنە ئارال قاراۋۇللىرىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا تاش ئاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. 27-ئاۋغۇست كۈنى كەچتە، خىتاينىڭ ۋېيبو ھېساباتىدا خىتاي ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ جىنمېنغا بېسىپ كىرگەن يېڭى فىلىمى پەيدا بولغان. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يەنە قەلئەدىكى گازارمىنى، شۇنداقلا تامغا ئېسىلغان ئۇرۇش خەرىتىسىنى سۈرەتكە تارتقان.
تەيۋەن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ جىنمېن مۇداپىئە قوماندانلىق ئىشتابى يەكشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، نامەلۇم ئايروپىلاننىڭ شەنبە كۈنى لىييۇ رايونىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى، سېلىشتۇرۇش تەتقىقاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ پۇقراۋىي ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
باياناتتا تەيۋەن ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلچەملىك مەشغۇلات تەرتىپى بويىچە ھۇجۇم قىلىش سىگنالى بومبىسى ئېتىپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ھەمدە يۇقىرى ھوشيارلىق بىلەن تەقىب قىلغانلىقىنى، ئەگەر ئۇچقۇچىسىز ئاپروپىلان ئاگاھلاندۇرۇشنى ئاڭلىمىغان تەقدىردە ئېتىپ تاشلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ