قەشقەر بىلەن ئاتۇشتا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق قامال قىلىۋاتقان بىر پەيتتە،  قەشقەر بىلەن ئاتۇشتا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئىقتىسادى زىيان بولغان.

27-ئاۋغۇست كۈنىدىن باشلاپ ياغقان قاتتىق يامغۇر 28-ئاۋغۇست كۈنى كەلكۈنگە ئايلىنىپ دەريا ۋە ئۆستەڭلەردىن تاشقان. ئۈستۈن ئاتۇشتا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى بىرقەدەر ئېغىر بولۇپ، دېھقانلارنىڭ زىرائەتلىرىنى ھەمدە ئېتىز-ئېرىق ۋە يوللارنى بۇزۇۋەتكەن. بەزى كەنتلەردە دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى سۇ باسقان بولۇپ، سىندا كەنت ئاھالىسىنىڭ سۇدا قالغان نەرسە-كېرەكلىرىنى ئۆينىڭ سىرتىغا توشۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

قەشقەردىكى كەلكۈن ئاپىتى قەشقەر قەدىمى شەھەردە يۈز بەرگەن بولۇپ، سۇ شەھەر كوچىلىرىدا ئۆستەڭ بولۇپ ئاققان. كەلكۈن يەنە نۇرغۇن يەر ۋە ئېتىز-ئېرىقلارنىمۇ ئېلىپ كەتكەن. خىتاينىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈرۈش» نامىدا قاتتىق قامال قىلىپ قىيناش ھەرىكىتىدە ئازابلىنىۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەرگە سەل ئاپىتى خەلقىمىزگە تېخىمۇ ئېغىر كەلگەن.

بەزى سىنلاردا غەم باسقان خەلقىمىزنىڭ ھويلىسىدىكى سۇلارنى تازىلاشقا باشلىغان كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن.  

مەلۇم بولۇشىچە، 25-ئاۋغۇست قەشقەرنىڭ مەكىت ناھىيەسىدىمۇ كەلكۈن ئاپىتى بولغان بولۇپ، ئىشقا سېلىش ۋاقتىدا قاتتىق قامالنى ئۇنتۇغان خىتاي خەلقىمىزگە شاخ-شۇمبا ئېلىپ كېلىش ۋەزىپىسى قويغان ۋە كەلكۈننى توسۇش خىزمەتلىرىگە سالغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1339 قېتىم كۆرۈلدى
30/08/2022 13:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق