خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تەن كېفېي 2022-يىلدىن باشلاپ بىر يىلدا ئىككى قېتىم ئەسكەر قوبۇل قىلىشنى يولغا قويغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
خەلق تورىنىڭ 26-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 25-ئاۋغۇستتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، باياناتچى تەن كېفېي 2022-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ئەسكەر ئېلىش خىزمىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن.
تەن كېفېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خىتاي مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەسكەر ئېلىش بۇيرۇقىغا ئاساسەن، بۇ يىلدىن باشلاپ داۋاملىق بىر يىلدا ئىككى قېتىم ئەسكەر ئېلىش يولغا قويۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى 15-ئاۋغۇست كۈنى باشلىنىپ، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېڭى ئەسكەرلەرنى توشۇشقا باشلاپ، 9-ئاينىڭ ئاخىرى ئاخىرلىشىدىكەن. قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى تۈرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا كېرەكلىك ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىشنى ئالدىن تەستىقلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى 26 ياشقا ئۇزارتىلغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارمىيەدىكى ئالاقىدار تارماقلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەسكەرلىككە قاتنىشىشتىكى ئوقۇش تەۋەلىكى ياكى ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىش، ئىمتىھانسىز مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆتۈش، ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بەرگەندە نومۇر قوشۇپ بېرىش قاتارلىق بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ، خىتاي ياشلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئەسكەرلىككە تىزىمغا ئالدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ