خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان ياشلار ئۇچرىشىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېچىلغان 3-نۆۋەتلىك خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان ياشلار ئۇچرىشىشى ئىستانبۇلدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

2018-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ياشلارنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئاكتىپ خىزمەت قىلىشقا تەشكىللەش ۋە كەلگۈسىنىڭ رەھبەرلىرى قىلىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. بۇنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە 26-ئاۋغۇستتىن 28-ئاۋغۇستقىچە داۋاملاشقان 3-نۆۋەتلىك خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان ياشلار ئۇچرىشىشى ئېچىلدى. ئۇچرىشىشتا شەرقىي تۈركىستان دەۋا سېپىدىكى پېشقەدەملەر دەۋادىكى تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇچرىشىشتا تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ياشلار جەم بولغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى دۇنيا تەرتىپى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى مەسئۇلىيىتى قاتارلىق نۇقتىلار مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىننىڭ ئاخىرقى كۈنى شەرقىي تۈركىستان يېڭى ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان 3-نۆۋەتلىك خەلقئارا شەرقىي شەرقىي تۈركىستان ياشلار يىغىنىنىڭ خۇلاسە دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. خۇلاسىدە پىلان ۋە تۈرلەرنى ماسلاشتۇرۇش، كۈچەيتىش دائىرىسىدە چىقىرىلغان قارارلارنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش كېرەكلىكى، بۇ مەسىلىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ ئورتاق ھەمكارلىق ئورنىتىپ، خىتايغا قارشى كۈچلۈك بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىش كېرەكلىكى، ياشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خەلقنىڭ ئۈمىدى ئىكەنلىكى، ھەققانىي كۈرەشتە تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1526 قېتىم كۆرۈلدى
30/08/2022 12:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق