خىتاي ئارمىيەسى رۇسىيەدە

ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىدا مۇداپىئەگە ئۆتكەن، شەرقتىكى دونباستا ئايلاردىن بۇيان مىدىرلىيالمىغان پۇتىنغا كۈتكەن ياردەم خىتايدىن كەلدى.

24-فېۋرال ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق قىلغان پۇتىن ئۆتكەن ئالتە ئاي ئىچىدە غەرب دۇنياسىدىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلىپ، تارىخىي جازاغا دۇچ كەلدى.

موسكۋانىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا تەۋە ھەربىي قىسىملار رۇسىيە ئارمىيىسى ساھىبخانلىق قىلىدىغان «Vostok-2022» مانېۋىرى ئۈچۈن روسىيەگە كېلىشكە باشلىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېلارۇسىيە، موڭغۇلىيە، سۈرىيە، نىكاراگۇئا، لائوس ۋە ھىندىستان شۇنداقلا خىتايدىن كەلگەن ئەسكەرلەر 1-سېنتەبىردىن باشلاپ ئوخشىمىغان يەتتە رايوندا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىدىكەن.

خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە تانكىلارنى ئېلىپ ماڭغان پويىزلار رۇسىيەنىڭ ئەڭ شەرقىگە جايلاشقان پىرىمورسكىي ئۆلكىسىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، گرودېكوۋو بېكىتىگە چۈشكەن خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ماسكا تاقىغانلىقى دىققەت قوزغىدى. نۆۋەتتە بېيجىڭ «ۋوستوك-2022» ھەربىي مانېۋىرىغا قاتنىشىدىغان ئەسكەرلەرنىڭ ئېنىق سانىنى ئېلان قىلمىدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مانېۋىرغا 50 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر، 140 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە 60 ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە ئارمىيىسى ئۇكرائىنادا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشقا قارىماي، ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ «ۋوستوك-2022» دە بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا يىراق مۇساپىلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان ۋە يەتتە رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مانېۋىر رايونى ئوخوتسك دېڭىزى ۋە ياپونىيە دېڭىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ياپونىيە دېڭىزىنىڭ شىمالى ۋە ئوتتۇرا رايونلىرىنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندىر فومىن، مانېۋىرنىڭ پەقەت «مۇداپىئە» ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

نۆۋەتتە ئانالىزچىلار، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي ئىتتىپاق قۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بۇيانقى خىتاي بىلەن تۇنجى قېتىم قۇرۇقلۇقتا مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى ئىكەنلىكىنى، 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ياپونىيە پايتەختى توكيودىكى ۋاقىتتا ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ياپونىيە دېڭىزىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىلگىرى ھەربىي ئىتتىپاق قۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنى رەت قىلغان سابىق «كوممۇنىست رەقىبلىرى» نىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، پۇتىننىڭمۇ بۇ ئېھتىماللىقنى يوققا چىقارمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن مىسلى كۆرۈلمىگەن جازاغا دۇچ كەلگەن روسىيە ئۆتكەن ئايلاردا خىتايدىن كۆپ قېتىم ياردەم تەلەپ قىلغانىدى.

خىتاي نۆۋەتتە يەرشارىدىكى بىردىنبىر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىغا قارشى تۇرمايدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇپ، خىتاي تاراتقۇلىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنى قوللايدۇ ۋە دوكلاتلىرىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى ئەيىبلەيدۇ. خىتاي ئەمەلدارلىرىمۇ باياناتىدا رۇسىيە تەرەپتە تۇرۇپ كەلمەكتە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىدىمۇ رۇسىيەگە قارشى بېلەت تاشلاشتىن ۋاز كېچىپ كەلمەكتە.

لېكىن خىتاي يەنىلا ئامېرىكىنىڭ جازاسىدىن ئەنسىرەپ موسكۋانى مۇشۇنچىلىكلا قوللاپ كەلمەكتە ۋە موسكۋانىڭ كۆپلىگەن تەلەپلىرىنى كۆرمەسكە سالماقتا.

6-ئاينىڭ بېشىدا ئامېرىكا ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى بىر خىتاي ئەمەلدارنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، موسكۋا بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ياردەم سۆھبىتىنىڭ بىر قەدەر جىددىي بولغانلىقىنى، نۆۋەتتە شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىماي تۇرۇپ، رۇسىيەگە ياردەم قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى يازغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 914 قېتىم كۆرۈلدى
30/08/2022 11:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق