شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ھەريىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشىنىڭ 14-نۆۋەتلىكى ۋە 5-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى يىغىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئىجرائىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئېچىلدى.
يىغىن تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتائۇللاھ شاھيار، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق مەسئۇللار ئىشتىراك قىلدى.
بۇ يىلقى 14-نۆۋەتلىك قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 5-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ ئالدىمىزدىكى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئىستانبۇلدا ئېچىلىشى قارار قىلىنغان بولۇپ، يىغىندا بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تېمىلار تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىندى. شۇنداقلا نۆۋەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش باھانىسى بىلەن خەلقىمىزنى ھەرجەھەتتىن ئېغىر قىيىنچىلىقتا قويۇش، ئىقتىسادى جەھەتتىن ۋەيران قىلىش، ئاچ قويۇپ قىيناش، كارانتىن قىلىش ۋە ئايرىپ كۆزىتىش باھانىسى بىلەن ئىنتايىن مەينەت ۋە ناچار شارائىتلاردىكى چىدىر ۋە ئۆيلەرگە قاماش قاتارلىق جىنايەتلىرى ۋە بۇنىڭغا قارشى قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ۋە خىزمەت تەقسىماتى قىلىندى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر