كونا كومپارتىيە ئەزالىرى خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى ئوچۇق خەت يازدى

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ھارپىسىدا بىر قىسىم كونا كومپارتىيە ئەزالىرى خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى ئوچۇق خەت يازغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 26-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گەرچە خىتاي كومپارتىيەسى كونا كومپارتىيە ئەزالىرىنى مەركەزگە قارشى سۆز قىلماسلىق كېرەكلىكى، بولمىسا پارتىيەدىن قوغلىنىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ھارپىسىدا، ئۈچ كونا پارتىيە ئەزاسى شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلىۋاتقان پارتىيەنى كونترول قىلىش قىلمىشىغا قارشى ئوچۇق خەت يازغان.

مەكتۇپتا ئۈچ كونا پارتىيە ئەزاسىنىڭ بىرى ئۇلارنىڭ ئىمزا قويۇلغان ئوچۇق خەتنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق كېلىپ چىقىدىغان خەتەردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۈچ كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ كونا دوستلاردىن ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرى ئاشكارا ئېلان قىلمىغان بۇ مەكتۇپنىڭ قانداق تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 25-ئاۋغۇست كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تورىدىكى مەزمۇنلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، كومپارتىيەدە تۇرۇۋاتقىنىغا 30 يىلدىن ئاشقان دوڭ خۇڭيى، ما گۈيخۈي ۋە تيەن چىجۇاڭ ئىسىملىك ئۈچ كومپارتىيە ئەزاسى ئىمزالىق ئوچۇق خەت تارقىتىپ، خىتاي كومپارتىيەسى ئاساسىي قانۇنىنىڭ 2017-يىللىق ئومۇمىي پىلانىنىڭ ئاخىرقى تارمىقىدىكى «پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ» دېگەن مەزمۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەكلىكىنى، بۇ جۈملىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىنىڭ ماۋزېدۇڭ ئىكەنلىكىنى، ئەينى ۋاقىتتا ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» سەۋەبلىك زور قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىققانلىقىنى، ئەينى ۋاقتىدا پۈتۈنلەي قالايمىقانلاشقان جەمئىيەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ بۇيرۇق چىقىرىلغانلىقىنى، ئەمما نۆۋەتتە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ساغلام، سىياسەت ۋە قائىدە-يوسۇنلارنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش «كېمىگە بەلگە قويۇپ قىلىچ ئىزدەش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئۈچ كوممۇنىست يەنە ئورتاق ھالدا چوقۇم قانۇنغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن كۈچلۈك بېسىمنى ساقلاش كېرەكلىكىنى، بولمىسا شەخسكە چوقۇنۇشنىڭ قايتا جانلىنىشى، ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» پاجىئەسىنىڭ قايتا يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۈچ كىشى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ خەندەن شەھىرىدە ياشايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 76 ياشلىق ما گۈيچۈەن ئەسلى بېيجىڭلىق بولۇپ، ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تۆمۈر يول تارماقلىرى ۋە تۆمۈر-پولات شىركىتىدە ئىشلىگەن. 1984-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىگە قاتناشقان، 2006-يىلى پېنسىيەگە چىققان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1218 قېتىم كۆرۈلدى
29/08/2022 16:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق