قورچاق ئەمەلدارلار ئافرىقا ۋە ئاسىيا ئەللىرىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇندى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 26-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولغان ئاسىيا، ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە كۆز بوياشقا ئۇرۇنغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاشكارا بولۇپ، نۇرغۇنلىغان دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتتى ۋە بۇ سەۋەبلىك خىتاي بىر قىسىم ئېمبارگولارغا دۇچ كەلدى. بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولغان خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە يالغان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇلار يەنە ئاسىيا، ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنغان.

كۆرۈشۈشتە ما شىڭرۈي بىلەن قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخ، جۇغراپىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي ئەھۋالىنى بۇرمىلاپ تونۇشتۇرغان ۋە: «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلىق ھالدا يۈرۈشتۈردۇق، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولدى» دەپ بىلجىرلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سېرالېئوننىڭ جەنۋەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى گوبارى، ئىراقنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى ئاتايى، گامبىيەنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى داكوستا، كامېروننىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەسلىھەتچىسى بوسى قاتارلىقلارمۇ خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە بىلجىرلاپ: «شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەنلىكى، تەرەققىي قىلغانلىقى، ئالغا ئىلگىرلىگەنلىكىگە قايىل بولدۇق. ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپتۇ» دەپ بىلجىرلاشقان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، خۇسۇسەن ئىسلام دىنىغا قارشى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلايدىغان يالغان تەشۋىقات ئۈچۈن زور كۈچ ۋە خىراجەت سەرپ قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىممۇ ئاسىيا، ئافرىقىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئەمەلدارلارنى زىيارەت قىلدۇرۇپ ياللانما خادىملىرى ۋە ساختا مەيدانلار ئارقىلىق كۆز بوياشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ھالبۇكى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارا بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ئىسلامىي تەشكىلاتلار ۋە زور تەسىر كۈچكە ئىگە ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن بىئارام بولغان خىتاينىڭ بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1106 قېتىم كۆرۈلدى
29/08/2022 15:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق