شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قامال داۋاملاشماقتا

شەرقىي تۈركىستاندا 28-ئاۋغۇست بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن 56 سى كۆپەيگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىمار 48، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار 8 ئىكەن. خىتاي رېجىمى يۇقۇم باھانىسى بىلەن خەلققە قاراتقان باستۇرۇش ۋە نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قامال سىياسىتىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 28-ئاۋغۇست كەچتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى ۋىرۇسنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 0 دىن 24 كىچە، شەرقىي تۈركىستاندا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 48 كىشىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەنلىكىنى، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلاردىن 8 ىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، مەزكۇر يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى ئوبلاستى، سانجى ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، قۇتۇبى ناھىيەسى قاتارلىق رايونلىرىدا بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قورچاق ئەمەلدارلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ئىنسان قېلىپىدىن ئۇسۇللار بىلەن قامال قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سىندا خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىگە تەۋە مەلۇم كەنتتە ھويلىلارنىڭ دەرۋازىسىنى كەپشەرلەش ۋاسىتىسى بىلەن خەلقنى ئۆيلىرىگە قاماپ قويغانلىقى مەلۇم بولغان. مەزكۇر سىندا قورچاق ئەمەلدار يەنە: «ئۈچىنچى گۇرۇپپىغا تەۋە بىر ئىشىكىنى كەپشەرلەشكە باشلىدۇق. قانچە ئائىلىدىن سىرتقا چىققانلار بايقالسا، شۇنچە ئائىلىنىڭ ئىشىكىنى كەپشەرلەپ تاقايمىز» دەپ تەھدىت سالغان.

يەنە بىر سىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر يۈك ماشىنىسىدىن كۆكۈرۈپ قالغان نانلارنى تۆكۈشكە باشلىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، مەزكۇر سىننى تارقاتقۇچى: «نانلار تۆكۈلۈۋاتىدۇ، شۇ ئىسراپچىلىقنىڭ دەردىنى يەنە تارتىدىغان كۈنلەر كېلىپ قالىدۇ» دەپ ھەسرەت چەككەن.

يەنە سىندا بولسا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى سەۋەبلىك ئۆيىگە قامالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاچلىقتا قىينىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئېرى جازا لاگېرى ياكى تۈرمىگە قامىلىپ ئۈچ پەرزەنتى بىلەن قالغان بىر ئايال قاتتىق قامال سەۋەبلىك، ئۆيدە ئاچ قېلىپ جاندىن تويغانلىقىنى ئېيتقان ۋە قورچاق ئەمەلدارلارغا تېلېفون قىلىپ: «بىزنى ئۆيگە سولاپ قويۇپ نېمە قىلىسەن، يولدىشىم بار يەرگە ئېلىپ كەت. ئۇ يەردە نېمە بەرسەڭ ئۈچ بالا بىلەن يولدىشىم بار، بىللە يەپ ياشايلى. بۇ قۇرۇق ئۆيدە تام غاجاپ ياشامدۇق» دېگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دېھقانلىرى دەل مول-ھوسۇل ئالىدىغان پەيتتە ھەممە يەرنى قامال قىلىشى، بازارلاردىكى ساناقسىز كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنىڭ سېسىپ تۈگىشى، ئۆيلەرگە ئاندا-ساندا يەتكۈزۈپ بېرىلىۋاتقان يېمەكلىكلەرنىڭ زىيادە قىممەت بولۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن مېۋە-چىۋە، كۆكتات ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ ۋىرۇسنى توسۇش ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جېنىدىن جاق تويغۇزۇش، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەپسەندە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1106 قېتىم كۆرۈلدى
29/08/2022 14:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق