خىتاي: ھىندىستان بىلەن ئارىمىزدىكى مەسىلىدە باشقىلارنىڭ قول تىقىشىغا قارشى تۇرىمىز

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسىدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ قول تىقىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 25-ئاۋغۇست قەرەللىك ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تەن كېفېي مۇخبىرلارنىڭ: «ئامېرىكا-ھىندىستان ئىككى دۆلەت ئالاھىدە قىسىملىرى يېقىندا ھىمالايا تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە 20 نەچچە كۈنلۈك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا-ھىندىستان ئارمىيەلىرى 10-ئايدا ‹ئۇرۇش مانېۋىرى› ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى، ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئورنى ھىندىستان چېگرا رايونىغا يېقىن بولۇپ، بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەن.

ئۇ جاۋابىدا چېگرا مەسىلىسىنىڭ خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىش ئىكەنلىكى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى قاتلاملار ئارقىلىق ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەنلىكى، سۆھبەت ئارقىلىق ئالاقىدار ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا قوشۇلغانلىقى، خىتاينىڭ 3ئۈچىنچىن تەرەپنىڭ ھەرقانداق تەرىقىدە چېگرا مەسىلىسىگە قول تىقىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

تەن كېفېي باياناتىدا يەنە خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ 1993-يىلى ۋە 1996-يىلى ئىمزالىغان ئالاقىدار كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئىككى تەرەپ ئەمەلىي كونترول سىزىقى ئەتراپىدىكى رايونلاردا قارشى تەرەپكە قارىتىلغان ھەربىي مانېۋىرنى قانات يايدۇرسا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە كېلىشىم بارلىقىنى، ھىندىستان تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ئالاقىدار كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلىپ، چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى دەۋا قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپ قوماندانلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن كېيىن جىددىيچىلىك پەسكويغا چۈشكەن بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ كەشمىر مەسىلىسىدە ھىندىستانغا قارشى پاكىستاننى قوللىشى ۋە ساقلىنىۋاتقان چېگرا كونترول سىزىقىغا دائىر ئىختىلاپلار سەۋەبلىك بۇ جىددىيچىلىكنىڭ ھەر ۋاقىت كۈچىيىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. ھىندىستاننىڭ كۈندىلىك خەۋىرىدە بولسا خىتاينىڭ ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى لاداخ رايونىغا يۆتكەۋاتقانلىقىدەك سىنلار كۆرسىتىلىپ، خىتاينىڭ چېگرا رايونىدا كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ، زىددىيەتنى كۈچەيتىپ، رايونغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش خام خىيالىدا بولۇۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1116 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2022 13:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق