مۇخبىرلار ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقىنى جاۋاب بېرىشكە قىستىدى

خىتاي يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش باھانىسى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيتكەن باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان بولۇپ، مۇخبىرلار ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى قورچاق ئەمەلدار مەمتىمىن قادىرنى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە قىستىغان.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 25-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا قورچاق ئەمەلدار مەمتىمىن قادىر مۇخبىرلارنىڭ: «تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا نۇقتىلىق شەھەر رايونىنى تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇشنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان، لېكىن ھازىرغىچە نېمە ئۈچۈن خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن نۇرغۇن رايونلار نورمال ئېچىۋېتىلمىدى؟» دېگەن سوئالىغا دۇچ كەلگەن.

مەمتىمىن قادىر جاۋابىدا رېئال ۋەزىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن گەپ يورغىلىتىپ: «بىر مەزگىل تىرىشىش ئارقىلىق، گەرچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە يۇقۇم ۋەزىيىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلغىلى بولىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ۋەزىيەت يەنىلا بىر قەدەر كەسكىن، يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەر يەنىلا بىر قەدەر كۆپ» دەپ جار سالغان.

خىتاي خەۋەرلىرىدە خەۋەر قىلىشىچە، ھەر كۈنى ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار يەنىلا 40 تىن ئارتۇق بولۇپ، خىتاي ئۈرۈمچىنى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش رايونى قىلىپ بېكىتكەن. دائىرىلەر «بىر قىسىم ئولتۇراق رايوندا يېڭىدىن يۇقۇملىنىش پەيدا بولۇپ، يۇقۇمنىڭ سوزۇلما مەزگىلىنى ئۇزارتىۋەتتى» دېگەن باھانە بىلەن رايوندىكى قامالنى بوشاتمىغان. نۆۋەتتە شەھەر بويىچە يەنىلا 104 يۇقىرى خەتەرلىك رايون، 179 ئوتتۇرا خەتەرلىك رايون بار ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىسقا سۆرەپ كىرگەنلىكىنى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى قامالدا خىتاي دېھقانلارنىڭ ئېتىز-ئېرىقلىرىدىكى زىرائەت، كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋىلىرىنى يىغىۋېلىشىغا پۇرسەت بەرگەنلىكىنى، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا بولسا دېھقانلارنىڭ بۇ ئەركىنلىكىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرغانلىقىنى، ھەتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاھالىلەردىن پۇل ئېلىپ تۇرۇپ تارقىتىپ بېرىۋاتقان تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىدىمۇ ئېغىر ھايانكەشلىك بارلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1255 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2022 13:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق