خىتاي يۇقۇم باھانىسى بىلەن باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

شەرقىي تۈركىستاندا 26-ئاۋغۇست بىر كۈن ئىچىدە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن 77 سى كۆپەيگەن بولۇپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلاردىن 15 ى كۆپەيگەن. خىتاي يۇقۇم باھانىسى بىلەن خەلققە قاراتقان باستۇرۇش ۋە نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان سىنلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نامىدا يۇقىرى بېسىملىق قامالنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.

خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 26-ئاۋغۇست كەچتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى ۋىرۇسنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 0 دىن 24 كىچە شەرقىي تۈركىستاندا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 77 سى، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلاردىن 15 ى كۆپەيگەنلىكىنى، مەزكۇر يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى، ئىلى، سانجى، كورلا، قۇتۇبى قاتارلىق شەھەر، ۋىلايەتلەردە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي چارۋىچىلارنىڭ تاغقا چىقىشىنى چەكلىگەنلىكى، شۇنداقلا تاغدا قالغان چارۋىچىلارنىڭمۇ كەنتكە كىرىشىنى چەكلىگەنلىكى سەۋەبلىك، چارۋىچىلارنىڭ يايلاقتىكى باققۇچىسىز قالغان مال-چارۋىلىرى ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇندىن باشقا ئاھالىلەرنىڭ دەرۋازىلىرى كەپشەرلىنىپ، سىرتقا چىقىشىنى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن. مەجبۇرىي كارانتىنغا ئېلىنغانلارمۇ شارائىتى ئالاھىدە ناچار، ئادەم تۇرمايدىغان ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئاتالمىش «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى رايونلاردا ھېلىھەم قامال قىلىشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېغىر ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى، تارقىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر خىتاينىڭ ئىقتىسادنى ۋەيران قىلىش ئارقىلىق، خەلقنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1230 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2022 12:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق