تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، 3-نۆۋەتلىك خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان ياشلار ئۇچرىشىشى ئىستانبۇلدا باشلاندى.
2018–يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ياشلارنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئاكتىپ خىزمەت قىلىشقا تەشكىللەش ۋە كەلگۈسىنىڭ رەھبەرلىرى قىلىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە. بۇنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە 26-ئاۋغۇستتىن 28-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغان 3-نۆۋەتلىك خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان ياشلار ئۇچرىشىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ياشلارنىڭ جەم بولۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا باشلاندى.
قۇرئان تىلاۋىتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستىقلال مارشلىرى بىلەن باشلانغان يىغىن يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكاننىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن داۋام قىلدى. ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ قۇرۇلۇش نىشانىغا ئاساسەن رەھبەرلەرنىڭ ئەتراپلىق يېتەكلىشى نەتىجىسىدە كۈنسېرى تەرەققىي قىلىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، كەلگۈسى باسقۇچتا تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىكى ياشلار بىلەن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىق ئورناتقان ئاساستا، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ياش-ئۆسمۈرلەرنى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئەۋلادلاردىن قىلىپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى باش كاتىپى دوكتور شەۋكەت ناسىر، ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى رەئىسى سالاھىدىن تۇرسۇن، نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى رەئىسى مەردان ئۇيغۇر قاتارلىقلار ۋە تۈركىيەدىكى سىياسىي پارتىيەلەردىن بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى، يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسى قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.
ئۇلار سۆزلىرىدە ھەرقانداق مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە قۇدرەت تېپىشىدا ياشلارنىڭ ئوينايدىغان رولىنىڭ ئالاھىدە مۇھىم ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىدەك مۇستەملىكە ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بىر مىللەت ئۈچۈن تېخىمۇ تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ياشلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى بىلدۈرۈشۈپ، ھەرقانداق ئىشلاردا ئۇلارغا ھەمدەمدە بولىدىغانلىقىنى، قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئۈچ كۈن داۋام قىلىدىغان مەزكۇر يىغىندا مىللىي كىملىك، دىنىي كىملىك ۋە دۇنيا قارىشى مەسىلىلىرى، نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە دۇنيا سىياسىتىدىكى پۇرسەتلەر، ئىسلام دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركىستان، غەرب دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركىستان، تاراتقۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى رولى، شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنىڭ يېڭى ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى رولى قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بولۇپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ياشلارغا قىممەتلىك لېكسىيەلەرنى سۇنىدۇ.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر