باچېلېت دوكلات ئېلان قىلىش ۋەدىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت ۋەزىپىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىشقا ۋەدە قىلغان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلالماسلىقى مۇمكىنلىكىگە ئىشارەت قىلدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت كېلەر ھەپتە ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئۆز ئىشخانىسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت كۈتۈۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلالماسلىقى مۇمكىنلىكىگە ئىشارەت قىلغان.

باچېلېت تاراتقۇلارغا ئۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ 31-ئاۋغۇستتىن، يەنى ئۇ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى دوكلاتنى بېكىتكەن مۆھلەتتە ئېلان قىلىش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ۋە: «بىز بۇ دوكلاتنى تەييارلاۋاتىمىز، بۇ دوكلاتنىڭ مەن ۋەزىپىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلغانىدىم. بىز تىرىشىۋاتىمىز» دېگەن.

باچېلېتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئىشخانىسى بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ نەتىجىسىنى خىتايغا ئۇقتۇرغان، بۇ جەرياندا خىتاي ئەمەلدارلىرى نۇرغۇن ئىنكاسلارغا جاۋاب بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئىشخانىسى نۆۋەتتە دىققىتىنى ئەمەلىي خاتالىق ئېھتىماللىقىغا مەركەزلەشتۈرمەكتىكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق شۆبىسىنىڭ ئەمەلدارى جون فىشېر باچېلېتنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تىۋىتتېردا: «تېخىمۇ تىرىشىڭلار. بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلماسلىق ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا ھاقارەت، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا خىيانەتتۇر» دېگەن.

باچېلېت بۇ يىل 5-ئايدىكى خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرى بىلەن قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ تۇتۇلۇش ئەھۋالى ۋە تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۇنىڭ ئىشخانىسى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان كۆپلىگەن مەكتۇپلارنى تاپشۇرۇۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېقىنقى ئايلاردا خىتاي قاتارلىق 40 نەچچە دۆلەتنىڭ بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان.

باچېلېت بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا ئۆزىنىڭ بۇ دوكلاتنى قىلىش ياكى قىلماسلىق مەسىلىسىدە غايەت زور بېسىمغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ھەر قانداق بېسىم سەۋەبىدىن دوكلاتنى ئېلان قىلىش ياكى بىكار قىلىشنى قارار قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئالدىنقى ئايدا رويتېرس ئاگېنتلىقى خىتاينىڭ بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ، مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنغانلىقى، ب د ت دىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىگە مەكتۇپ يېزىپ، مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىشىنى توسۇشقا كۈشكۈرتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1131 قېتىم كۆرۈلدى
26/08/2022 13:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق